ئەرلەر بۈلۈمىتىببى بىلىملەر

ھۆللۇك ئېشىپ كېتىش دىگەن نمە ؟

 

ئادەم بەدىنىدە سۇنىڭ ئىگەللەيدىغان نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، بەدەندە بەزى كېسەللىكلەر كۆرۈلگەندە، تاشقى قىسىمنىڭ سوغۇقى ۋە ھۆللۈكىنىڭ بەدەنگە كىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بەدەندىكى سۇدا بەزى ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىدۇ. بەدەندىكى ھۆللۈكنىڭ ئۆزگىرىشىمۇ مەۋجۇت بولۇپ، ئەگەر ھۆللۈك زىيادە كۆپ ئاشقاندا بەدەندىكى تەڭپۇڭ مۇھىت بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، كۆپ خىل كېسەللىك ئالامەتلىرىنى قوزغىتىدۇ.

بەدەندىكى ھۆللۈكنىڭ ئېشىپ كېتىش ئالامەتلىرى

1.بەدەندىكى ھۆللۈك ئاشقاندا بىۋاستە بەدەننىڭ چارچىشىنى، ئۇيقۇنىڭ تەسىرگە ئۇچرىشىنى پەيدا قىلىپ، ھەمىشە روھسىز ۋە ئۇيقۇ قانمىغاندەك تۇيغۇدا قالدۇرىدۇ

2.ھۆللۈك بەدەنگە بۆسۈپ كىرىشنىڭ دەسلىپىدە باش قىسىمدا بىئارامسىزلىق كۆرۈلۈپ، باش ئاغرىپ، پۇت-قوللار ئېغىرلىشىدۇ، ھەرىكەت قىلغاندا بەدەن تولىمۇ ئېغىر تۇيۇلىدۇ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ قىزىتىش ئەھۋاللىرىمۇ كۆرۈلىدۇ.

3.ھۆللۈك ئېغىر بولغاندا تېرىنىڭ مايلىشىشى ئېغىرلىشىپ، تېرە ياللۇغىنى پەيدا قىلىپ، تېرە سارغىيىپ، دانىخورەك چىقىدۇ.

4.ھۆللۈك ئېغىرلىشىشنىڭ ئەڭ تىپىك ئالامىتى بولسا تىلنى گەز باغلايدۇ. چۈنكى ھۆللۈكنىڭ ئېغىر بولۇشى كېسەللىك يۈز بېرىشىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئالامىتى ھېسابلىنىدۇ.

بەدەندىكى ھۆللۈك بەك ئېغىر بولسا قانداق تەڭشەش كېرەك؟

1.مۇۋاپىق چېنىقىپ تەرلەش، بەدەندىكى ھۆللۈكنى چىقرىشنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئۇسۇلى بولۇپ، تەرلەش ئارقىلىق بەدەندىكى ھۆللۈك تەر بىلەن بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىپ، بەدەننىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاپ، ئىمۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

2.دائىم ئىشخانىدا خىزمەت قىلغۇچىلار ھاۋا ئالماشتۇرۇشقا دىققەت قىلىشى كېرەك. دېرىزىلەرنى مۇۋاپىق ئېچىپ ئۆيدىكى ھۆللۈكنى يوقىتىش ناھايىتى ئۈنۈملۈكتۇر. ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ ھۆللۈكى يوقىسا بەدەنگە بولسا زىيىنىمۇ كىچىكلەيدۇ. بولۇپمۇ ھۇجرىنىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ، قۇرغاقلىقنى ساقلاش كېرەك.

3.لوڭقا قويدۇرۇش ئۇسۇلىمۇ بەدەندىكى ھۆللۈكنى يوقىتىدىغان بىر خىل ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ. لوڭقا قويدۇرۇش بولسا ئارتېرىيە تومۇرلىرىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن بەدەندىكى ھۆللۈكنى چىقىرىشتىن ئىبارەت.

4.ھۆللۈكنى ھەيدەيدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش كېرەك. بۇ يېمەكلىكلەر تال-ئاشقازانغا پايدىلىق بولۇپ، ھۆللۈكنى ھەيدەيدۇ. دائىم ئىستېمال قىلغاندا بەدەندىكى ھۆللۈكنى ھەيدەپ بەدەننى يېنىكلىتىدۇ.

شىپاخانىمىزنىڭ يەنە بىر تۈرلۈك تەۋىسيەسى

قىزىتقۇچى ھۆللۈكنى ھەيدىگۈچى ئۇيغۇرتىبابەت دورىلىرىنى مۇۋاپىق ئىستىمال قىلىش كىرەك.

بۇخىل تىبابەت دورىلىرى ئاشقازان، تال، جىگەر ۋە بۆرەك قاتارلىق ئەزالانى قىزىتىپ جانلاندۇرۇپ، ئۇلانىڭ بەدەندىكى ھۆللۈكنى تازلاپ تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۈتۈرىدۇ، ئېغىزدىن شۈلىگەي ئېقىش، تىل گىزى ئاقىرىش، بوشاڭ، ھارغىن بوپ قېلىش، باش، پۇت پاچاقلا ئېغىر بۇلۇش، ھۆللۈكتىن سەمرىپ كىتىش، پەي سۈڭەكلە پوشاپ ھەرخىل بۇغۇم سۈڭەك كىسەللىكلىرى پەيدا بۇلۇش، قان سوۋۇپ كىتىش قاتارلىقلانىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ

نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت شىپاخانىسى تەرپىدىن تەييارلاندى ..

2+
ياقتۇرغان بولسىڭىز دوسىتلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭ
ھەممىنى تولۇق ئوقۇش

باشقۇرغۇچى

شىپاخانىمىزنىڭ نىشانى ئۇيغۇرتېبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇپ مەشھۇر ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى دۇنياغا يۈزلەندۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قۇشۇش !

3 ئىنكاسلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇ نىمۇ كۇرۇپ بېقىڭ .
Close
Back to top button
Close
Close