ئاياللار كىسەللىكلىرىشىپاخانا ئۇچۇرلىرى

ھورداق بىلەن كىسەل داۋالاش

rovide a null text alternative

ھورداق بىلەن ھوردىتىپ كىسەل داۋالاش

ھوردىتىپ داۋالاش- مۇناسىۋەتلىك دورا سۇيۇقلۇقلىرىنى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا قىزدۇرۇپ ھور (پار) غا ئايلاندۇرۇپ، تېرىدىكى تەر تۆشۇكچىلىرى ئارقىلىق بەدەنگە تەسىر قىلدۇرۇپ كېسەل داۋالاش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ ئۈنۈمىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسىرى «ئاقساراي» دا ھوردىتىپ داۋالاش ئۇسۇلى ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار بار. ئۇيغۇر تېبابىتى قەدىمدىن باشلاپ، يېڭى تۇغۇتلۇق ئاياللارنى ھەر خىل دورا سۈيى ۋە كاللا- پاقالچاق سۆڭەكلىرىنىڭ سۇلىرى بىلەن  ھوردىتىپ داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ كەلگەنلىكى ھېلى ھازىرمۇ مەۋجۇت. بۇ خىل ئۇسۇل بارغانسېرى كېڭىيىپ، شىنجاڭدىكى ھەر قايسى دوختۇرخانىلاردا جۈملىدىن ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىلىرىدا كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلماقتا. ھەتتا ھەر قايسى ناھىيە، شەھەر، بازارلاردا مەخسۇس ھورداقخانا ياكى ھور مۇنچىلىرى قۇرۇلۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشمەكتە.

 

  ھوردىتىپ داۋالاشنىڭ ئالاھىدىلىكى

1) ھوردىتىپ داۋالاش ئارقىلىق بەدەندە تۇرۇپ قالغان چىقىرىندى ماددىلارنى تازلىغىلى بولىدۇ. بۇ ئۇسۇل بىر قەدەر ئاددى ھەم ئەكس تەسىرى بولماسلىقتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، بەدەننىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىدىكى تەر تۆشۈكچىلىرى ئېچىلىپ بەدەن ئىچىدىكى ئارتۇقچە چىقىرىدى ماددىلار جۈملىدىن بەدەنگە يىغىلىپ قالغان غەيرىي تەبئىي قويۇق خىلىتلار پارچىلىنىپ، ئۇلارنىڭ پارچىلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

2) ھوردىتىپ داۋاالاش ئارقىلىق قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، ياللۇغ قايتۇرغىلى بولىدۇ، بۇ ئۇسۇلنى قوللانغاندا بەدەننىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىدىكى تەر تۆشۈكچىلىرى ئېچىلىپ، ماددا ئالمىشىش ياخشىلىنىپ، ھەر قايسى توقۇلما  ۋە ئەزالاردىكى قان ئايلىنىش راۋانلىشىدۇ.

3)  ھوردىتىپ داۋالاش ئارقىلىق بەدەننى قىزىتىپ، روھنى جانلاندۇرغىلى بولىدۇ. بۇ ئۇسۇل بىر خىل ئومۇمىي بەدەن خاراكتېرلىك داۋالاش بولۇپ، بۇ ئۇسۇلنى قوللانغاندا بەدەن قىزىپ، قول- پۇتلاردىكى ئېغىرلىق سىزىمى يوقىلىدۇ. بەدەن راھەتلىنىپ، روھ جانلىنىپ، روھىي كۆتۈرەڭگۈ بولۇپ قالىدۇ.

4)  ھوردىتىپ داۋالاش ئارقىلىق ھەر قايسى ئەزالاردىكى مۇسكۇل، توقۇلمىلارنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇپ، ھەر خىل ئاغرىقلارنى پەسەيتكىلى بولىدۇ. بۇ ئۇسۇلنى قوللانغاندا بىر تەرەپتىن ئىشلىتىلگەن دورىلارنىڭ بەدەنگە سۈمۈرىلىشىنى تىزلەتكىلى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن تېرە ۋە ھەر قايسى توقۇلمىلارنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرغىلى، تېرىلەرنىڭ نەملىكىنى ياخشىلاپ، يېرىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ ھەم ئاغرىق پەسەيتكىلى بولىدۇ.

     ھوردىتىپ داۋالاشنىڭ تۈرلىرى ۋە  ئۇسۇلى

ھوردىتىپ داۋالاشنىڭ تۈرلىرى ۋە ئۇسۇللىرى چوڭ جەھەتتىن تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل بولىدۇ.

  1. دورىلىق ھوردىتىپ داۋالاش

بۇ بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تەييارلانغان دورا قاينىتىلمىسىنىڭ ھورىنى بەدەننىڭ ھەر قايسى قىسىملىرى (بويۇننىڭ تۆۋەنكى قىسىمدىكى ئورۇنلار) غا تەسىر قىلدۇرۇش ئارقىلىق كېسەل داۋالاش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت. بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق بىر قىسىم تېرە كېسەللىكلىرى (مەسىلەن، قىچىشقاق، تەمىرەتكە قاتارلىقلار) نى داۋالاپ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

  1. دورىسىز ھوردىتىپ داۋالاش

بۇ ئاساسلىقى ئادەتتىكى سۇنى قىزدۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ ھورىنى بەدەننىڭ ھەر قايسى قىسىملىرى (ئاساسلىقى بويۇننىڭ تۆۋەنكى قىسىمدىكى ئورۇنلار) غا تەسىر قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئومۇمىي بەدەننى تازىلاشنى مەقسەت قىلىدىغان ئۇسۇلدۇر. بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق بەدەندە يىغىلىپ قالغان بۇزۇق ماددىلار جۈملىدىن غەيرىي تەبئىي خىلىتلارنى تەر تۆشۈكچىلىرى ئارقىلىق چىقىرىپ تاشلىغىلى ياكى ئۇلارنى پارچىلاپ، ئېرىتىپ قان ئايلىنىش ئارقىلىق ھەر قايسى چىقىرىش يوللىرى ۋە ئەزالار ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلىقىلى بولىدۇ. بۇ ئۇسۇلنى قوللانغاندا بىر قىسىم ئومۇمىي بەدەن خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر مەسىلەن، سېمىزلىك قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاش مەقسىتىگە يەتكىلى ھەمدە بەدەن ۋە قول- پۇتلاردىكى ئېغىرلىقنى يوقىتىپ، ھەزىمنى ياخشىلاپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ خىزمەت ۋە ئۈگىنىش ئۈنۈمىنى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

0
ياقتۇرغان بولسىڭىز دوسىتلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭ
ھەممىنى تولۇق ئوقۇش

باشقۇرغۇچى

شىپاخانىمىزنىڭ نىشانى ئۇيغۇرتېبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇپ مەشھۇر ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى دۇنياغا يۈزلەندۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قۇشۇش !

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Back to top button
Close
Close