ئاياللار بۈلۈمىئاياللار كىسەللىكلىرى

ئاياللار دىققەت قىلىدىغان 5 ئىش

نۇرلۇق شىپاخانىسى ئاياللار بۈلۈمى

ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﯩﺸﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ تۇۋەندىكى ﺑﻪﺵ ﺧﯩﻞ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ، ﺋﯚﺯ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯩﺪﯗ، ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﻗﻪﺭﻩﻟﻠﯩﻚ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﯜﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ، ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺗﯜﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟

1.ﺗﯘﺧﯘﻣﺪﺍﻥ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﯜﺵ

ﺑﯘ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﮪﯩﻢ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺗﯘﺧﯘﻣﺪﺍﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺋﻪﺯﺍ، ﺗﯘﺧﯘﻣﺪﺍﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﮪﻮﺭﻣﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﯕﺸﻪﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺋﻪﺯﺍ، ﻗﻪﺭﻩﻟﻠﯩﻚ ﺗﯘﺧﯘﻣﺪﺍﻥ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﯩﺸﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺗﯘﺧﯘﻣﺪﺍﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﻪﭖ ﺗﯘﺭﻏﯩﻠﻰ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺗﯘﺧﯘﻣﺪﺍﻧﺪﺍ ﮪﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

2. ﺳﯜﺕ ﺑﯧﺰﯨﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﯜﺵ

ﺳﯜﺕ ﺑﯧﺰﯨﻤﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺋﻪﺯﺍ، ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺳﯜﺕ ﺑﯧﺰﻯ ﺭﺍﻛﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﮪﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺳﯜﺕ ﺑﯧﺰﻯ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ، ﺳﯜﺕ ﺑﯧﺰﻯ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺑﺎﻳﻘﺎﭖ، ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﻪﺭﻩﻟﻠﯩﻚ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﯜﭖ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

3. ﺑﺎﻟﯩﻴﺎﺗﻘﯘ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﯜﺵ

ﺑﺎﻟﯩﻴﺎﺗﻘﯘ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﯜﺷﯩﻤﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﯩﺸﯩﺪﻩ ﻛﻪﻡ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩﻴﺎﺗﻘﯘ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ، ﺑﺎﻟﯩﻴﺎﺗﻘﯘ ﺋﯚﺳﻤﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﺎﻟﯩﻴﺎﺗﻘﯘ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻤﺎﻕ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺗﻪﺱ، ﺩﺍﯞﺍﻻﭖ ﺳﺎﻗﺎﻳﺘﯩﺸﻤﯘ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺗﻪﺱ، ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﺑﺎﻟﯩﻴﺎﺗﻘﯘﻧﻰ ﻗﻪﺭﻩﻟﻠﯩﻚ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﯜﭖ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﻛﯚﺭﯛﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﮪﯩﻢ.

4. ﺩﺍﺱ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﯜﺵ

ﺩﺍﺱ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﯜﺷﻤﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﯩﺸﯩﺪﻩ ﻛﻪﻡ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺩﺍﺱ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻰ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﻳﺎﻟﻠﯘﻍ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﭖ ﺩﺍﺵ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﮪﯩﻢ.

5. ﻗﺎﻥ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﯜﺵ

ﻗﺎﻥ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﯜﺷﻨﻰ ﮪﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ، ﻗﺎﻥ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﯜﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﻥ ﺋﺎﺯﻟﯩﻖ ﯞﻩ «ﺋﯜﭺ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﺵ» ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻠﻰ، ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭﻧﯩﯔ ﻏﻪﻳﺮﯨﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

 

4+
ياقتۇرغان بولسىڭىز دوسىتلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭ
ھەممىنى تولۇق ئوقۇش

باشقۇرغۇچى

شىپاخانىمىزنىڭ نىشانى ئۇيغۇرتېبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇپ مەشھۇر ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى دۇنياغا يۈزلەندۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قۇشۇش !

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Back to top button
Close
Close