جىنسىيەت بىلىملىرىساغلاملىق بىلىملىرى

پەرزەنتلىك بولۇش ئالدىدا تۇرغان ئەر-ئاياللار سەمىگە

ئاياللارنىڭ ئەڭ ياخشى ھامىلدار بولۇش مەزگىلى:
تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا ئاياللارنىڭ 25ياشتىن 30 ياشقىچە بولغان مەزگىلى ھامىلدار بولۇشتىكى ئەڭ مۇۋاپىق مەزگىلى بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا بەدەن ھەر قايسى جەھەتتە يېتىلگەن بولۇپمۇ كۆپىيىش ئەزالىرى پىشىپ يىتىلگەن ۋاقىت.ھامىلدارلىق يېشى بەك چوڭ ياكى بەك كىچىك بولسا ھامىلىنىڭ غەيرى تۇغۇلۇپ قېلىش ، ھامىلدار ئايالنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يېتىش، تۇغۇت قىيىن بولۇش قاتارلىقلار نىڭ نىسبىتى يۇقىرلايدۇ.
ئەڭ ياخشى ھامىلدار بولۇش پەسلى:
7-ئاينىڭ ئاخىرى ، 8-9- ئايلار ھامىلدار بولۇشتىكى ئەڭ مۇۋاپىق مەزگىل ھىساپلىنىدۇ، چۈنكى بۇ مەزگىل تومۇز ئىسسىق ئاياغلىشىپ ، ھاۋا سالقىنلاشقا باشلىغان، خىلمۇ- خىل مىۋە چىۋىلەر پىشقان مەزگىل، مۇشۇ ۋاقىتتا ھامىلدار بولسا ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە بەكمۇ مۇۋاپىق ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇغۇت ۋاختىمۇ كىلەر يىلى ئەتىيازنىڭ ئاخىرى ، يازنىڭ باشلىرىغا توغرا كىلىدۇ . شۇڭا مۇشۇ پەسىل مۇۋاپىق پەسىل ھىساپلىنىدۇ.
ھامىلدار بولۇش پەيتىنى ئىگەللەش:
تۇخۇمدان ئادەتتە ھەيزنىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ تۇخۇم ئىشلەشكە باشلاپ تەخمىنەن 14-15- كۈنلىرى(ھەيز دەۋرىنى 28 كۈن بويىچە ھېساپلىغاندا)تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ.تۇخۇم ئاجرىلىپ چىقىپ 24 سائەت ياشىيالايدۇ، شۇڭا مۇشۇ پەيتنى توغرا ئىگەللىگەندە ئاسانراق ھامىلدار بولغىلى بولىدۇ.(ئەگەر ھەيز دەۋرى 28 كۇندىن ئۇزۇن ياكى قىسقا بولغاندا مۇۋاپىق ھالدا كەينىگە سۈرۈش ياكى ئالدىغا سۈرسە بولىدۇ).ئەگەر ئەر ئايال ئىككەيلەن مۇشۇ پەيتنى توغرا ئىگەللىگەندە بەزىدە ھاملدارلىقتىن ساقلانغىىلىمۇ بولىدۇ. شۇڭا ھەيز نىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ھىساپلاپ تەخمىنەن 13-، 15- ، 17- كۈنلىرى ئەر ئايال بىللە بولغاندا ھامىلدار بولۇشلىرى مۇمكىن.

شۇنداقلا ھەيزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇشۇ كۈنلەردە بىللە بولماسلىق بىلەن ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش مەخسىتىگە يەتكىلى بولۇشمۇ مۇمكىن.

ھامىلدار بولۇشتىن ئاۋال دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار:
تۇرمۇش ئادىتى ،كەيپيىيات قاتارلىقلارنى تەڭشەش، ناچار تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش كىرەك ، يەنى ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچىش، نەشە -تاماكا چېكىش ، بەك كەچ يېتىپ ۋاخچە ئورنىدىن تۇرۇش، تۇرمۇش رېتىمى بەك جىددى بولۇش، تۇرمۇش بېسىمى، خىزمەت بېسىمى بەك ئېغىر بولۇش ،بىر ئىشلار ئۈچۈن ھەددىدىن زىيادە قايغۇرۇش ، جىدەل ماجرا قاتارلىقلار ئەر-ئايال ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن پايدىسىز بولۇپ ، ھامىلدار بولالماسلىق ، ياكى ھامىلدار بولسىمۇ ئاسان بويىدىن ئاجراش، ھامىلىنىڭ غەيرى تۇغۇلۇپ قېلىشى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردا ئوزۇقلۇق تولۇقلاش، بەدەدندىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ يىتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كىرەك. كۆپلىگەن كىشىلەر ھامىلدار بولغاندىن كىيىن ئوزۇقلۇق تولۇقلاش كىرەكلىكىنى بىلسىمۇ ، ھامىلدار بولۇشتىن ئاۋالقى ئوزۇقلۇق تولۇقلاشقا سەل قارايدۇ.ھامىلدار بولۇشتىن بەدەندە ئوزۇقلۇق ماددىلار يىتەرلىك بولسا كىيىنكى ھامىلىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن بەكمۇ پايدىلىق.
1- يىتەرلىك مىقداردا كالتىسى تولۇقلاپ تۇرۇش كىرەك. ھەسەل، قىزىل گۈلقەنت، پىننە گۈلقەنت، سۈت ، تۇخۇم سېرىقى ،پۇرچاق تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنىڭ تەركىۋىدە كالتىسى مول بولۇپ كۆپرەك ئىستىمال قىلىش ، بولۇپمۇ سۈت ، ھەسەل ئىچىشنى ئىزچىل داۋام قىلىش كىرەك.
2- يېڭى مىۋە چىۋە ،سەي كۆكتات تەركىۋىدە ھەرخىل ۋىتامىن، سىللوزا قاتارلىقلار بولۇپ، بەدەندە بۇ خىل ماددىلار كەم بولۇپ قالسا ھامىلدار بولغاندىن كىيىنمۇ ئاسان تولۇقلاپ بولغىلى بولمايدۇ ، بەزى ۋىتامىنلار(مەسىلەن يوپۇرماق كىسلاتاسى، ۋىتامىنA،ۋىتامىن E قاتارلىقلار ) كەم بولسا غەيرى ھامىلە ، تۇغما دۆتلۇك، ئەزالىرى كەمتۇك ھامىلە بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ شۇڭا ھامىلدار بولۇشتىن ئاۋال يېڭى مىۋە- چىۋە ، سەي-كۆ كتاتلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش كىرەك.
3-تۆمۈر ، سېنىك قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق تولۇقلاپ تۇرۇش كىرەك. بەدەندە تۆمۈر كەمچىل بولسا قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، قان ئازلىقنى ئاسان تولۇقلىغىلى بولمايدۇ،سېنىك كەمچىل بولسا تۇغۇلغان بالا تاماق يىمەيدىغان،تاماق تاللايدىغان ، پاكار بولۇپ قالىدۇ.شۇڭا ھامىلدار بولۇشتىن ئاۋال تەركىۋىدە تۆمۈر سىنىك مول بولغان يىمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق مىقداردا يەپ بېرىش كىرك. مەسىلەن ھەسەل، جىگەر ، بېلىق ، توخۇ گۆشى ، تۇخۇم سېرىقى، كەرەپشە، ئاپلىسىن، موگۇ قاتارلىقلارنىڭ تەركىۋىدە تۆمۈر سىنىك مىقدارى مول ، مۇشۇ يىمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ھالدا ئىستىمال قىلىش كىرەك.
ئەر ئايال ھەر ئىككى تەرەپ بولۇپمۇ ئايال كىشى ھەرخىل مىۋە -چىۋە كونسىرۋاسى، كالباسا ، چىلىغان سەي قاتارلىق يىمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلىشى، ئىلاج بار قايناقسۇ ئىچىشى ،قېنىق چاي، قەھۋە ئىچمەسلىكى كېرەك.
مىۋە -چىۋە ، سەي كۆكتاتلارنى ئىستىمال قىلغاندا پاكىزە يۇيۇش، تەركىۋىدىكى دىھقانچىلىق دورىلىرىنى تولۇق، پاكىزە يۇيۇپ چىقىرىۋېتىش كىرەك.
ھەر خىل زىيانلىق خېمىيىلىك ماددىلاردىن يىراق تۇرۇش ، رادىئاكتىپ نۇرلار ، رادىئاتسىيىلىك ماددىلار بىلەن ئۇچراشماسلىقى كىرەك. مەسىلەن: رېنتېگىن نۇرى، ئۇزاق ۋاقىت كومپيۇتېر ئالدىدا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش، قوغۇشۇن، سىماب قاتارلىق ماددىلار بار مۇھىتتا خىزمەت قىلىش، بېزەش ، سىرلاش ماتىرىياللىرى بىلەن كۆپ ئۇچرىشىش ، دىھقانچىلىق دورىلىرى قاتارلىقلار ئەر ئايال ئىككىلا تەرەپكە بەكمۇ زىيانلىق بولۇپ ھامىلدار بولۇشتىن ئاۋال مۇشۇ خىل زىيانلىق مۇھىتتىن ئايرىلىپ مۇۋاپىق خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىشى زۆرۈر.
ساغلام پىسخىك ھالەتنى يىتىلدۈرۈشى، پەرزەنتلىك بولۇشقا ئالدىراپ جىددىلەشمەسلىكىلىرى، شۇنداقلا ھەر خىل غەيرى ھامىلە بوپ قېلىش كەمتۇك بولۇپ قېلىش قاتارلىقلاردىن ئارتۇقچە غەم يەپ بىئارام بولماسلىقى، سۈپەتلىك تۇغىمەن دەپ ئۆزىگە روھى يۈك ئارتىۋالماسلىقلىرى كىرەك.

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button