ساغلاملىق بىلىملىرى

پۇراش سەزگۈسىنى يوقىتىشنىڭ سەۋەبى ئاددىي ئەمەس

پۇراش سەزگۈسىنى يوقىتىشنىڭ سەۋەبى ئاددىي بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ مۇستەقىل كېسەللىك ئالامىتى ئەمەس،ئۇنى بەلكىم ئۆسمە كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. پۇراش سەزگۈسىنى يوقىتىشنىڭ يەنە بۇرۇن ئېتىلىپ قېلىش، پۇراش نېرۋىسى ياكى مېڭە زەخىملىنىشكە ئوخشاش سەۋەبلىرىمۇ بار.

مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: بۇرۇننىڭ ئىچىگە ئۆسمە ئۆسۈش ياكى ياللۇغلىنىش،سەزگۈرلىكى ئېشىپ كېتىش سەۋەبىدىن بۇرۇن توسۇلۇپ قالغان بولسا، پۇراق نېرۋا تالالىرىغا بارالمايدۇ -دە، ئادەم پۇرىيالماس بولۇپ قالىدۇ. بۇرۇن ياللۇغى ياكى بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلارنىڭ ھەر ئىككى بۇرۇن تۆشۈكىنىڭ پۇراش سەزگۈسى، بۇرىنىدا ئۆسمە ئۆسۈپ قالغانلارنىڭ تاق تۆشۈكچىدىكى پۇراش سەزگۈسى تۆۋەنلەيدۇ؛ بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغى ۋە نېرۋا كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار دائىم باشقىلار پۇرىيالمايدىغان سېسىق پۇراقلارنى پۇرىيالايدۇ، مېڭىسىگە ئۆسمە ئۆسۈپ قالغانلارنىڭمۇ پۇراش سەزگۈسى يوقايدۇ.

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button