ئۇيغۇرتىبابەت بىلىملىرى

تومۇر ھەرخىل سېلىش سەۋەپلىرى

1. تومۇرنىڭ تېز سېلىشى
1) ھاجەتنىڭ كۆپلىكگى، قۇۋۋەتنىڭ ئاجىزلىقى
2) ھاجەتنىڭ ئاجىز (كام) ۋە ئالەتنىڭ قاتتىقلىدىن بولىدۇ.
2. تومۇرنىڭ بىر تۇتاش (مۇئەۋاتېر) سېلىشى.
1) قۇۋۋەتنىڭ بوش ۋە ئالەتنىڭ قاتتىق بولۇشى
2) قۇۋۋەتنىڭ بوش (ئاجىز) ۋە ھاجەتنىڭ ئازلىقىدىن بولىدۇ.
3. تومۇرنىڭ كىچىك سېلىشى.
1) كېزىك ئىسسىتمىسى (ھاراتىتى موھرىقى) دە بولۇپ، قۇرۇقلۇقنىڭ نەملىك ئۈستىدىن غەلبە قىلغانلىقى.
2) تەبئىي ئىسسىقلىقنىڭ ئاجىزلىشىشى ياكى سوغۇق سۇنى سوۋۇتقۇچى يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش. جىنسىي ئالاقىنى كۆپ قىلىش، ئۇزاق مۇددەت ئەمگەك قىلماسلىق ۋە كۆكتاتلارنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ يىيىش قاتارلىقلار .
3) سۈرگە دورىلارنى ئىچىش بىلەن تومۇر دىۋارلىرى تارىيىپ بەدەندە قۇرۇقلۇقنىڭ ئاشقانلىقى.
4) ئىچكى ئەزالارنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئىششىغانلىقى، مەسىلەن: ئۆپكە، جىگەر، قېرىن، يۈرەك ئىششىقلىرى
5) ئۇيقۇنىڭ كەم بولۇشى، قۇرۇقلۇق تاماقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش ۋە ئوزۇقلۇقنىڭ يېتەرسىزلىگى ياكى مۇنچىغا چۈشمەسلىك قاتارلىقلار.
4. تومۇرنىڭ كېچىكىپ ۋە قاتتىق ئۇرۇشى.
ئادەم تەبئىيتى بىلەن كېسەللىكنىڭ كۈرەش قىلغانلقىدىن بولىدۇ.
5. تومۇرنىڭ يۇمشاق ئۇرۇشى.
تەبئىي ۋە غەيرى تەبئىي دەپ ئىككى سەۋەبتىن بولىدۇ.
1) تومۇرنىڭ تەبئىي يۇمشاق ئۇرۇشى، ھۆللۈك تاماقلارنى ئىستېمال قىلىش، ھاۋا ۋە ئەمگەكنىڭ نورمال بولۇشى.
2) غەيرى تەبئىي يۇمشاق ئۇرۇشى، قورساققا يەل چۈشۈش ياكى مېڭە كېسەللىكلىرى بىلەن ئاغرىش مەسىلەن: پالەچ، لەقۋا، ئىستىرخا، تارتىشىپ قېلىش (تەشەننۇج) ۋە تىترەپ تۇرۇش (رەئىشە) قاتارلىق كېسەللىكلەردىن بولىدۇ.
6. تومۇر قۇۋۋىتىنىڭ سۇس (بوش) بولۇشى.
1) ئوزۇقلۇق (ئۇزۇقلىنىش) نىڭ يېتەرسىزلىگى
2) ئۆز ۋاقتىدا سۈرگە ئىچىپ بەدەندىكى كېرەكسىز نەرسىلەرنى تازىلاپ تۇرمىغانلىقى
3) ئەمگەكنى قابىلىيتىگە قاراپ قىلماسلىق (ئارتۇق جاپا تارتىش).
4) قالايمىقان تاماق يېيىش.
5) بۇرۇن يولىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشى
6) ھۇشىسىزلىقنى كەلتۈرىدىغان كېسەللىكلەر قاتارلىقلاردىن بولىدۇ.
ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسىدىن ئېلىندى.

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button