ساغلاملىق بىلىملىرى

بەلغەم خىلىتىدىن بولغان باش ئاغرىقى

ئالامىتى
باش ئېغىر بولىدۇ. ئۇسساش ئانچە كۆپ بولمايدۇ. ئۇيقۇسى كۆپ بولىدۇ. تومۇرى بوش سوقىدۇ، سۈيدۈك ئاق كېلىدۇ.
داۋاسى
ئايارەج پەيقىرا ياكى ھەببى قوقىيالارنى ئىستېمال قىلدۇرۇش ئارقىلىق زىيادە بەلغەم ماددىسىنى تازىلاش لازىم. بەلغەمدىن بولغان باش ئاغرىقىنى داۋالاشتا قوللىنىلىدىغان دورا ۋە چارىلەرمۇ بۇ كېسەلگە مۇۋاپىق كېلىدۇ. سىركەنجىۋىل (ھەسەل بىلەن تەييارلانغان سىركە شەربىتى) بىلەن ئېغىزنى چايقاش لازىم. مەجۈنى مەستىكى ئىستېمال قىلسىمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ.
ئوزۇقلۇقى
نۇقۇت، پۇرچاق شورپىسىغا دارچىن، زەنجىۋىل، يۇمغاقسۈت، زىرە سېلىپ ئىچسە، ئىپار، ئەنبەر، نەغەز گۈلى پۇرىسا بولىدۇ.
پەرھىزى
سوغۇقلۇق يېمەك- ئىچمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك.

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button