تارىخى شەخىسلەر

جالىنۇس ھەققىدە

قەدىمكى روما تىببىي ئالىمى جالىنوسنىڭ نامى دۇنيادىكى ھەر قايسى مىللەت تىبابىتىدە ۋە تىببىي كىتابلىرىدا كۆپ ئۇچرايدۇ. شۇنىڭدەك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دورىگەرلىك كىتابلىرىدىمۇ جالىنوسنىڭ بەزى نەزەرىيەلىرى ۋە ئۇنىڭ يېزىپ قالدۇرغان ئايرىم نۇسخىلىرى بار. يۇنان تىبابىتى دورىگەرلىكىدە دەسلەپكى قارابادىن ( فارماكوپىيە) نى تۈزۈپ چىققان كىشى جالىنوسدۇر. بۈگۈنكى كۈندىمۇ تىۋىبلىرىمىز ئىشلىتىۋاتقان مەجۈنى جالىنوس، مۇرەككىباتى جالىنوس قاتارلىق نۇرغۇنلىغان نۇسخىلار يېزىلغان كىتابلار بۈيۈك بىرتانىيە فارماكوپىيىسىگە كىرگۈزۈلگەن.
جالىنوس دۇنيادىكى سەككىز ئىجاتكارنىڭ بىرسىدۇر. ئۇ يالغۇز ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ قالماي بەلكى نەزىرىيەنى ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىگەن. توشقان، مايمۇن قاتارلىق ھايۋانلارنى تەجرىبە قىلىپ، تۇنجى بولۇپ ھايۋان ئۈستىدە تەجرىبە ئېلىپ بارغان كىشى بولۇپ قالغان. جالىنوس يېتىشىپ چىققاندىن كېيىن تېبابەتنى مىتافىزىك پەلسەپە تەسىردىن قۇتۇلدۇرۇپ، ماددىي پەلسەپە ۋە ماددىي پاكىت ۋە ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى ئاساس قىلغان پەنگە ئايلاندۇرغان.
جالىنوس مىلادى 95- يىلى قۇستەن تەنىيە ( ھازىرىقى ئىستانبول) نىڭ فارمۇسا دېگەن ئارىلىدا تۇغۇلغان. جالىنوس شۇ ۋاقىتتىكى يۇنانىستاننىڭ ئافىنا شەھرىگە بېرىپ، شۇ يەردىكى پەيلاسوپ ۋە ھۆكۈمالاردىن تېبابەت پەلسەپە ئۆگەنگەن. ئافىنا شەھرىنىڭ چوڭ ئۆلىما ۋە پەيلاسوپلىرى توپلاشقان « رۇبتۇل كۈبرا » دېگەن پادىشاھلىق كېتاپخانىسىدا خېلى ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇپ نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان. ئەپسۇسكى بۇ كىتاپلار كىتاپخانىغا ئوت كېتىش سەۋەبى بىلەن كۈيۈپ كەتكەن. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ يېزىپ قالدۇرغان 126 پارچە چوڭ- كىچىك ئەسەرلىرى يۇنان تىبابىتى ۋە ھازىرىقى غەرىپ تىبابىتىنىڭ ئاساسىي قوللانمىسى بولۇپ كەلمەكتە.

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button