ساغلاملىق بىلىملىرى

ئاشقازان ۋەئۇنى ئاسراش

ئاشقازان ھەزىم قىلىش يولىنىڭ چوڭايغان قىسمى بولۇپ، خالتىسىمان بولىدۇ. ئاشقازاننڭ يۇقىرى كىرىش ئېغىزى قىزىلۆڭگەچ بىلەن، تۆۋەنكى چىقىش ئېغىزى ئون ئككى بارماق ئۈچەي بىلەن تۇتىشىدۇ. ئىچكى قىسىمدا پۈرمىلەر بولىدۇ. ئاشقازان تاماق بىلەن تولغاندا پۈرمىلەر يوقىلىدۇ. ئاشقازان شىللىق پەردىللىرىدە نۇرغۇنلىغان بەزلەر بولۇپ، بۇلار ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. ئاشقازان سىرتقى يۈزى سىلىق بولىدۇ. ئاشقازان مىزاجى ھۆل سوغۇق، ئۇنىڭ ئاساسلىق رولى ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرىپ ۋە لۆمىلدىمە ھەرىكىتى ئارقىلىق يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ جەريان تۆۋەندىكىدەك ئېلىپ بېرىلىدۇ . ئاشقازاندىكى قۇۋۋىتى جازىبە ئۆز رولى ئارقىلىق قورساقنى ئاچۇرۇپ، سىرتتىن يېمەكلىك تەلەپ قىلىدۇ، ئوزۇقلۇق ئېغىزدا چايلىنىپ يۇتۇلسا قىزىل ئۆڭگەچنىڭ لۆمىلدىمە ھەرىكىتىنى كۈچەيتىپ، يېمەكلىكنى ئۆزىگە تارتىدۇ. يېمەكلىك ئاشقازانغا كىرىپ بولغاندىن كېيىن ئاشقازاندىكى قۇۋۋىتى ماسىكە ئاشقازاننىڭ كىرىش ۋە چىقىش ئېغىزىنى ئېتىدۇ ئارقىدىنلا ئاشقازاندىكى قۇۋۋىتى ھەزىم سۇيۇقلۇق ئاجىرتىپ چىقىرىش ۋە قۇرۇتسىمان لۆمىلدىمە ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز ھەرىكەتلىنىپ، يېمەكلىكلەرنى پارچىلاپ، پىششىقلاپ ئىشلەپ، بەزى زەھەرلىك ماددىلارنى زەھەرسىزلەندۈرۈپ، بوتقىسىمان ھالەتتىكى كەيلوسنى ھاسىل قىلىدۇ، بۇجەريان تولۇق تاماملىنىپ بولغاندىن كېيىن ئاشقازاندىكى قۇۋۋىتى دافىئە ئاشقازان چىقىش ئېغىزىنى ئېچىپ، كەيلوسنى ئاز-ئازدىن 12بارماق ئۈچەيگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button