ئىچكى كېسەللىكلەرشىپالىق رېتسىپلار

ئۆت تېشى كېسەللىكىگە ئائىت رىتسىپلار

ھەرخىل سەۋەپلەردىن ئۆت سۇيۇقلىقى ئۆزەگىرىپ ، ئۆت يولى ۋە ئۆت خالتىسىغا چۆكۈۋېلىپ تاش شەكىللەندۈرۈپ،ئۆت تېشى كىسەللەكىنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىماردا قورساق ئاغرىش ،توڭۇپ تىترەش،يۇقىرى قىزىتما كۆرىلىدۇ. تاش چوڭراق بولسا،جىگەر ساھەسى كۆپكەندەك يېقىمسىزلىنىدۇ.كىچىكرەك بولسا،ياغلىق تاماق يىگەندىن كىيىن كېچىسى ئوڭدا ياتقاندا ،ئۆت تەرەپتە مۇجۇپ ئاغرىش بۇلىدۇ.
داۋالاش رىتسىپلىرى:

  1. 100گرام زەنجىۋىلگە ئىككى لىتىر سۇ قوشۇپ قايناتقاندىن كىيىن ،ئاغرىغان جايغا سۈرسە ئۈنۈمى ياخشى بۇلىدۇ.
  2. توققۇز گرام كاۋاۋىچىننى ئىزىپ بىر دانە تۇخۇمى بىلەن مايدا قورۇپ،كۈنىگە ئۈچ ۋاخ يەپ بەرسە ،ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بۇلىدۇ.
  3. تۇلۇق پىشقان قۇغۇن شاپىقىنى سالقىن جايدا قۇرۇتۇپ سوقۇپ تاسقاپ ،دورا چىلاشقۇدەك سۇدا يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ ،سۈيىنى ئىچسە ئۈنۈمى ياخشى بۇلىدۇ.
  4. بىر تال ياڭيونى ئىزىپ ،مۇۋاپىق مىقتاردا بۇغداي ئۇنى ۋە خام زەنجىۋىل سۈيىدە مەلھەم ياساپ ،ئاغرىغان جايغا تېڭىلىدۇ.
  5.  ئارپا بەدىياندىن بەش گرامنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە بۇلىدۇ.
  6. 36 گرام تۇرۇپ سۈيىنى كۈندە ناشتىدا ئىچىپ بەرسە، ئۆت تېشى كىسىلىگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.

بېمار كۆپ ھەركەت قىلماسلىقى ،سۇيۇق -سەلەڭ ،سىڭىشلىق تاماقلارنى ئىستىمال قىلىشى لازىم.
ياغلىق ،قورىغان تاماقلاردىن ،يەللىك ،تەستە ھەزىم بۇلىدىغان يېمەكلىكلەردىن ،تۇخۇم ،گۈرۈچ تاماقلىرىدىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ.
(ئائىلىدىكى رېتسىپلار كىتاپىدىن)

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button