خام دۇرىلار

مۇقەل

ئەرەپچە نامى: مۇقەل ئەزرەق

پارسچە نامى: بوئى جوھۇدان

ئوردۇچە نامى: گوگەل

تونۇش: بۇ زەيتۇن دەرىخى ئائىلىسىدىكى كىچىكرەك دەرەخ مۇقەلنىڭ سوزۇلۇشچان يېلىمى بولۇپ، بۇ بىر قانچە خىل بولىدۇ، رەڭگى قىزغۇچ سېرىق، تەمى ئاچچىق بولغىنى <مۇقەل ئەررەق>، رەڭگى سېرىققا مايىل بولغىنى <مۇقىللىيۇھۇد>، قارىغا مايىل سىلىق، بولغىنى<مەقالىي> دېيىلىدۇ. ساپ، پارقىرايدىغان، چاپلاشقاق، يۇمشاق، خۇش پۇراقلىق، رەڭگى قىزغۇچ سېرىق، تەمى ئاچچىق بولغىنى ياخشىدۇر. ئەگەر بۇ خىل مۇقەلنى ئوتقا سالسا، مازنىڭ پۇرىقى كېلىدۇ، سۇدا تېز ئېرىيدۇ. قانچە كونىرىغانسېرىيە شۇنچە ئاچچىقلىشىپ كېتىدۇ.

تەبىئىتى: ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

شىپالىق رولى: تېرىنى پارقىرىتىش، ماددىلارنى تارقىتىش، يۇمشىتىش، زەھەر قايتۇرۇش، پەي ۋە نېرۋىلارنى قۇۋۋەتلەش، توسالغۇلارنى ئېچىش، بەلغەم بوشىتىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلىرىگە ئىگە.

ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: پالەچ، لەقۋا، تىترىمە كېسەل، يۆتەل، جىگەر ئاجىزلىقى، بوۋاسىر(بولۇپمۇ قاندىن بولغان بوۋاسىر)، تومۇرلاردا توسالغۇ پەيدا بولۇش، ئۇششۇق بوغۇملار ئاغرىقى، ئولتۇرغۇچ نېرۋا ئاغرىلىقى، خانازىر قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى: مۇقەلنىڭ سۇفۇپنى ھەسەلگە قوشۇپ ھەر قېتىمدا بىر گرامدىن مەلۇم مەزگىل ئىستىمال قىلىپ بەرسە، يۇقارقى بارلىق كېسەللەرگە پايدا قىلىدۇ، مۇقەلنىڭ بىر گرام يېڭى سېغىلغان سۈتكە قوشۇپ ئىچسە باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ، مۇقەلنى ئېزىپ سوغۇق سۇغا قوشۇپ ئىچسە، بەلغەمنى سۈرىدۇ، مۇقەلنى سالايە قىلىپ بۇغداي كېپىكى بىلەن ئۈزۈمنىڭ سۈيىدە قاينىتىپ، ئۇنىڭغا بىر ئاز ئۇترۇج بىلەن قوشۇپ چاپسا، بوۋاسىرنىڭ دانىلىرىنى چۈشۈرىدۇ، سۆگەلنى يوقىتىدۇ، مۇقەلنى پاقلان شورپىسىنىڭ كۆپۈكى بىلەن خېمىر قىلىپ بالىلارنىڭ بۆرىكى چىقىپ كەتكەنگە، بۆرەككە، ئۈچەيگە سۇ چۈشكەنگە چاپسا پايدا قلىدۇ، ھۆقنە قىلسا بوۋاسىرغا پايدا قىلىدۇ، كۆيدۈرۈپ تۈتىنىنى ئالسىمۇ مەنپەت قىلىدۇ. مۇقەلنىڭ تۈتۈنى بۇزۇق ھاۋانىڭ زەھىرىنى يۇقىتىدۇ، ھومۇل قىلسا بالىياتقۇ ئاغزىنى ئاچىدۇ، ھامىلىنى چۈشۈرىدۇ، بالىياتقۇدىن كېلىدىغان ھۆللۈكنى توختىتىدۇ. ھاشارەتلەرنىڭ چېقىۋالغان يېرىگە تاڭسا، زەھەرنى قايتۇرىدۇ ھەم تېرە ئاستىغا ئۇيۇپ قالغان قاننى تارقىتىدۇ، ھۆل خانازىرنى يوقىتىدۇ، قاينىتىپ ئىچسە، ئىچكى ئىششىقلارنى يوقىتىدۇ، مۇرەككەپ ياسالمىلار تەركىبىگە كىرگۈزۈلىدۇ.

ئشلىتىش مىقدارى: 3 – 6 گرام

زىيانلىق تەسىرى: ئۆپكە ۋە بۆرەككە زىيان قىلىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى: كەتىرا، زەپەر.

ئورۇنباسارى: مۇرمەككى، سەبرى.

چىقىش ئورنى: ئىتالىيە، يەمەن، ئوممان دېڭىز بويلىرى ۋە ھىندىستاندىن چىقىدۇ.

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button