خام دۇرىلار

سۆرۈنجان

تونۇش: بۇ گۈلسامساق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك سۆرۈنجان بولۇپ بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ تەڭگىسىمان يىلتىزى <سۆرۈنجان> نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

تەبىئىتى: ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

شىپالىق رولى: ئاغرىق توختىتىش، ئىشىق تارقىتىش، بۇزۇق ماددىلارنى سۈرۈش، سۈيدۈك ھەيدەش، باھنى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: بوغۇم ئاغرىقلىرى، يەرقان، تال، ئولتۇرغۇچ نېرۋا ئاغرىقى كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى: سۆرۈنجان يېغى بىلەن ياغلاش ياكى سۈركەش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، سۆرۈنجاننى سەبرى بىلەن قوشۇپ بېرىلسە يۇقىرىقى كېسەللەرگە پايدا قىلىدۇ. سۆرۈنجاننى يالپۇز ۋە زىرە بىلەن قوشۇپ بېرىشكىمۇ بولىدۇ. يېڭى سېغىلغان سۈت بىلەن بېرىلسە باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ، زەپەر بىلەن قوشۇپ گۈل يېغىغا سۈرۈپ ياغلىسا يېڭىدىن پەيدا بولغان پۇت-قولنىڭ ئاغرىقلىرىغا پايدا قىلىدۇ. تۇخۇم ۋە زەپەر بىلەن قوشۇپ يېسە پۇت-قول ئاغرىقلىرى ۋە ئىششىقلىرىنى يوقىتىدۇ، شاراب بىلەن قوشۇپ بېرىلسە رېماتىزىمغا پايدا قىلىدۇ، كونا قوي يېغى ياكى كالا يېغى بىلەن ياغلىسا بوۋاسىر تۈگۈنچەكلىرىنى يوقىتىدۇ ۋە ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ، سۆرۈنجاننىڭ تالقىنى زەخىملەرنى قۇرۇتىدۇ، مۇپاسىلنى داۋالاش ئۈچۈن 25 مىللىگرام سۆرۈنجان سۇفۇپىنى كۈندە بىر قېتىم ھەسەل بىلەن يېگۈزۈلىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: 120-360 مىللىگرام.

زىيانلىق تەسىرى: جىگەر، ئاشقازانغا زىيان قىلىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى: كەتىرا، شېكەر، زەپەر.

ئورۇنباسارى: مەككە خېنىسى، مۇقەل.

چىقىش ئورنى: ياۋروپا، ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرى ۋە قارادېڭىز بويلىرى ھەم ئافرىقا ئەللىرىدىن چىقىدۇ.

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button