بالىلار ساغلاملىقىساغلاملىق بىلىملىرى

بالىلاردىكى قىزىتما

بالىلىق دەۋردە بەدەن ئىسسىقلىقى بەلگىلىك دائىرە ئىچىدە ئۆرلەپ، پەسىيىپ تۇرىدۇ. بەدىنى ئازراق قىزىپ قالغان بولسىمۇ، بەدەننىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدا ناچارلىشىش ئالامىتى كۆرۈلمىسە، كېسەللىك ھالەت دەپ قاراشقا بولمايدۇ. كىچىك بالىلار ئەمگەندىن كېيىن، كۆپرەك ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن، قېلىن كىيىندۈرۈش، ئىسسىق ئۆيدە ئولتۇرۇش قاتارلىقلارمۇ بەدىنىدە مۇلۇم قىزىقلىق پەيدا قىلىدۇ. لېكىن بۇنداق ھالەت بەك ئۇزۇن داۋام قىلمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن كىچىك بالىلاردا قىزىتما پەيدا بولۇپ قالغاندا، قىزىتمىنىڭ تاشقى سەۋەبىلىرىنىمۇ نەزەرگە ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ.
كۆپىنچە ھاللاردا بالىلاردىكى قىزىتما بەدەننىڭ بىرەر يېرىدە يۇقۇملىنىش ياكى ياللۇغلىنىش بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، بەزى ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىشلاردا ئۇزۇنغا سوزۇلغان تۆۋەن قىزىتما بولىدۇ. زۇكام ۋە زۇكامدىن كېلىپ چىققان ھەرخىل يۇقۇملىنىشلار بولۇپمۇ نەپەس يوللىرىنىڭ ياللۇغلىنىشلاردا قىزىتما باشلىنىدۇ، تېز ئۆرلەيدۇ. بۇنداق ھاللاردا قىزىتمىنىڭ ئاساسىي سەۋەبلىرىگە قارىتا جىددىي داۋالاش ئېلىپ بېرىش لازىم.

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button