ساغلام يىمەكلىكساغلاملىق بىلىملىرى

تېبابەتتە ئوزۇقلۇق تەڭشەش قائىدىلىرى

مەنبە: ئەلپىدا ئۇچۇر تورى

قىسقىچە مەزمۇنى: ئىلمىي كۈتۈنۈپ ساغلام تۇرۇش ئۈچۈن يېمەك-ئىچمەكلەرنى ماسلاشتۇرۇپ مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش ئارقىلىق بەدەنگە كېرەكلىك ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ھەمدە مۇناسىپ پەرھىز كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. ئەمما، بۈگۈنكى كۈندىكى كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەك ئىستېمال ئادەتلىرىدە، ئىلمىي ئوزۇقلىنىش پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن بولمىغان ھەم بۇ سەۋەبتىن ئورۇنسىز كېسەللىنىپ داۋالىنىشقا موھتاج بولىدىغان ئەھۋاللار كۆپ كۆرۈلۈۋاتىدۇ. ئۇيغۇر تېبابىتى ئوزۇقشۇناسلىقىنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئىستېمالىنى تەڭشەپ ئىلمىي كۈتۈنۈش ھەققىدە قىممەتلىك تەكىتلىرى بولۇپ، بۇلار يېمەك – ئىچمەك ئارقىلىق كۈتۈنۈش، ساقلىقنى ساقلاش، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ئىشلىرىدا يېتەكچىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ ماقالىدە يېمەك-ئىچمەك ئىستېمالىنى تەڭشەشنىڭ قائىدە-پىرىنسىپلىرى ــ ئىبىن سىنا قاتارلىق قەدىمكى مەشھۇر تېۋىپلارنىڭ ئوزۇقشۇناسلىق ۋە يېمەك–ئىچمەك ئارقىلىق كۈتۈنۈش ھەققىدىكى قاراشلىرى ئاساسىدا تەھلىل قىلىنىدۇ ھەمدە يېمەك-ئىچمەكلەرنىڭ ماسلىشىشچانلىقى، ئوزۇقلۇقلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقى، ئوزۇقلىنىش ئادىتى ۋە يېمەك-ئىچمەك پەرھىزىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم قائىدىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

ئۇيغۇر تېبابىتى ئوزۇقشۇناسلىق ئىلىمى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزاق تارىختىن بۇيانقى تۇرمۇش ئەمەلىيىتى ۋە ئەم-ئىلىمچىلىكى داۋامىدا شەكىللەنگەن)1(، يىپەك يولىنىڭ راۋانلىشىشىغا ئەگىشىپ، شەرق ۋە غەرب مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھەرلىرىنى قوبۇل قىلىش ھەم ئۆزلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىنى بېيىتىپ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلگەن (2-3)، يېمەك-ئىچمەك ئارقىلىق كۈتۈنۈش، ساقلىقنى ساقلاپ، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا پايدىلىنىپ كەلگەن، ئىنتايىن ئەتىۋارلىق مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى (4).

ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى بىلەن ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ تارىخىي تەرەققىيات مۇساپىسىنى بىرلەشتۈرۈپ قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇرلاردا يېمەك-ئىچمەك ئارقىلىق كېسەل داۋالاش ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىدىن بىرى بولۇپ كەلگەن (5). گەرچە ئۇيغۇر تېبابىتى ئوزۇقشۇناسلىقى ئۇيغۇر تېبابىتى شەكىللەنگەن دەسلەپكى دەۋرلەردە مۇستەقىل ئىلىم سۈپىتىدە راۋاجلانمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ كىشىلەرنىڭ ئوزۇق ئېھتىياجى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، نىسبەتەن ئۇزۇن تارىخنى ۋە مول مەزمۇنلۇق ئېتنىك خۇسۇسىيەتنى ئۆزىدە مۇجەسسەم قىلغان. ئۇيغۇر تېبابىتى نەزەرىيەسىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ئۇنىڭ كىشىلەرنىڭ ساقلىقنى ساقلاش، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا قوللىنىلىشى بىلەن ئۇيغۇر تېبابىتى ئوزۇقشۇناسلىق ئىلىمى ئەينى زاماندىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەبىئەت دۇنياسىدىكى بەدەنگە پايدىلىق ھەرخىل ئوزۇقلۇقلارغا بولغان تونۇشىنى يەنىمۇ بېيىتقان ھەم ئۇنى سىستېمىلاشتۇرغان، شۇنداقلا ئۇيغۇر تېبابىتىدە كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلانغان.

ساغلام بولۇش ئۈچۈن يېمەك-ئىچمەك ئىستېمالىغا، جۈملىدىن يېمەك-ئىچمەكلەرنى ماسلاشتۇرۇپ مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش ئارقىلىق بەدەنگە كېرەكلىك ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ھەمدە مۇناسىپ پەرھىز كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. ئەمما، بۈگۈنكى كۈندىكى كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەك ئىستېمال ئادەتلىرىدە، ئىلمىي ئوزۇقلىنىش پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن بولمىغان ھەم بۇ سەۋەبتىن ئورۇنسىز كېسەللىنىپ داۋالىنىشقا موھتاج بولىدىغان ئەھۋاللار كۆپ كۆرۈلۈۋاتىدۇ. ئۇيغۇر تېبابىتى ئوزۇقشۇناسلىقىنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئىستېمالىنى تەڭشەپ ئىلمىي كۈتۈنۈش ھەققىدە قىممەتلىك تەكىتلىرى بولۇپ، بۇلار يېمەك – ئىچمەك ئارقىلىق كۈتۈنۈش، ساقلىقنى ساقلاش، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ئىشلىرىدا يېتەكچىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ ماقالىدە يېمەك-ئىچمەك ئىستېمالىنى تەڭشەشنىڭ قائىدە-پىرىنسىپلىرى ــــ ئىبىن سىنا قاتارلىق قەدىمكى مەشھۇر تېۋىپلارنىڭ ئوزۇقشۇناسلىق ۋە يېمەك – ئىچمەك ئارقىلىق كۈتۈنۈش ھەققىدىكى قاراشلىرى ئاساسىدا تەھلىل قىلىنىدۇ ھەمدە يېمەك-ئىچمەكلەرنىڭ ماسلىشىشچانلىقى، ئوزۇقلۇقلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقى، غىزالىنىش ئادىتى ۋە يېمەك-ئىچمەك پەرھىزىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم قائىدىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

1. ئوزۇقلۇقلارنىڭ ماسلىشىشچانلىقى

ھېپپۇگرات (مىلادىدىن بۇرۇنقى 460-370 يىللار) ئوزۇقلۇق ۋە ئۇلاردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش ھەققىدە توختىلىپ: «ئادەم بەدىنىدىكى خىلىتلار ئوزۇقلۇقلاردىن ھاسىل بولىدۇ، كىشىلەر ئوخشىمىغان خىلىت تىپىغا ئىگە بولۇپ، ئوخشىمىغان تىپتىكىلەر ئوخشىمىغان تۈر ۋە خۇسۇسىيەتتىكى يېمەك-ئىچمەكلەرگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. كېسەللىك ئوخشىمىغان ئىكەن، ئۇنىڭغا مۇناسىپ ئوزۇقمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. يېمەك-ئىچمەكلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ماكان-زامانغا مۇناسىپ ئىشلىتىش ياخشى كۈتۈنۈشنىڭ ئاساسى» (6) دەپ كۆرسەتكەن.

ئوزۇقلۇقلارنىڭ مۇۋاپىق ماسلىشىشى بەدەننىڭ تېخىمۇ كۆپ ئوزۇقلۇقلارنى سۈمۈرۈشىگە شارائىت ھازىرلايدۇ. مەيلى كۈندىلىك تۇرمۇشتا بولسۇن مەيلى كىلىنىكا ئەمەلىيىتىدە بولسۇن، يەككە ئوزۇقلۇقنى ئىستېمال قىلىش ياكى يەككە ئوزۇقلۇقتا داۋالاش ئەھۋالى نىسبەتەن ئاز ئۇچرايدۇ. كۆپىنچە ھاللاردا بىر قانچە خىل يېمەكلىكلەر ئارىلاشتۇرۇلۇپ، بىرگە تەڭشەپ ئىشلىتىلىدۇ. ئىككىدىن ئارتۇق ئوزۇقلۇقلارنى تەڭشەپ بىرلەشتۈرۈش ئارىلاشتۇرۇش دېيىلىدۇ (7). ئوزۇقلۇقلارنى ھەرخىل ئارىلاشتۇرۇشلارنىڭ نەتىجىسىنى ماسلىشىش ۋە ماسلاشماسلىق كاتېگورىيەسىدە بىر بىرىنى كۈچەيتىش، تولۇقلاش، يەكلەش، يوقىتىش، ئاجىزلاشتۇرۇش، زەھەرلەش دېگەنلەرگە يىغىنچاقلىنىدۇ (7).

ئىبىن سىنا (مىلادىيە 980-1037 يىللار) يېمەك-ئىچمەكلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ساقلىقنى-ساقلاش ئۇسۇللىرى ھەققىدە توختىلىپ: «ئوخشىمىغان ئوزۇقلۇقلار تۈر، شەكىل، تەركىب، تەبىئەت، خۇسۇسىيەت، مىقدار، تەم، پۇراق جەھەتتىن بىر بىرىگە مۇناسىپ كەلگەندىن باشقا، يەنە ئۇلار كىشىلەرنىڭ ياش، بەدەن قۇۋۋەت، مىزاج، مۇھىت، ۋاقىت، جەريان، ئادەت، ھەرىكەت، تىنچلىق، ئېھتىياج، تەرتىپ قاتارلىق تەرەپلىرى بىلەن ماس كەلگەندە ساغلام كۈتۈنۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ» (8)، دەپ كۆرسەتكەن.

1.1 ئوزۇقلۇقلارنىڭ ماسلىشىشى

ئوخشىمىغان ئوزۇقلۇقلارنىڭ شەكىل، تەركىب، تەبىئەت، خۇسۇسىيەت، مىقدار جەھەتتىن بىر بىرىگە مۇناسىپ كېلىشى ئوزۇقلۇقلارنىڭ ماسلىشىشى دېيىلىدۇ (7). بۇ كۈچەيتىش، تولۇقلاش، يوقىتىش دېگەندەك كونكرېتنى تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

كۈچەيتىش: بۇ ئۈنۈمى ئوخشاش ئىككى خىل ئوزۇقلۇقنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتكەندە ئەسلىدىكى ئوزۇقلۇقنىڭ ئۈنۈمىنىڭ كۈچىيىشىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، ياڭاق بىلەن قىزىل ئۈزۈم شىرنىسىنى مۇۋاپىق بىرلەشتۈرگەندە مېڭىنى قۇۋۋەتلەش ئۈنۈمى كۈچىيىدۇ. تولۇقلاش: بۇ بىر خىل ئوزۇقلۇقنى ئاساس، يەنە بىر خىل ئوزۇقلۇقنى قوشۇمچە قىلىپ بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتكەندە، ئاساسىي ئوزۇقلۇقنىڭ ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، ئانار سۈيى تۆمۈر داغمال سۈيى بىلەن ناۋات سۈيىدە قىيام قىلىنىپ، پىننە تالقىنى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىستېمال قىلىنسا قان تولۇقلاش، مىزاج تەڭشەش ئۈنۈمى كۈچىيىدۇ. يوقىتىش: بىر خىل ئوزۇقلۇق يەنە بىر خىل ئوزۇقلۇقنىڭ ناچار تەسىرىنى تۆۋەنلىتىشى ياكى يوقىتىشىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، ھۆل قوناقنى سېرىق چېچەك، ئارپا بەدىيان ۋە زىرە بىلەن قوشۇپ سۇدا قاينىتىپ، پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلغاندا قوناقنىڭ تەستە ھەزىم بولۇش، يەل پەيدا قىلىش ۋە مەيدىنى بۇزۇشتەك ناچار تەسىرىنى يوقاتقىلى بولىدۇ.

1.2 ئوزۇقلۇقلارنىڭ ماسلاشماسلىقى

ئوخشىمىغان ئوزۇقلۇقلارنىڭ شەكىل، تەركىب، تەبىئەت، خۇسۇسىيەت، مىقدار جەھەتتىن بىر بىرىگە مۇناسىپ كەلمەسلىكى ئوزۇقلۇقلارنىڭ ماسلاشماسلىقى دېيىلىدۇ (7). بۇ يەكلەش، ئاجىزلاشتۇرۇش، زەھەرلەش دېگەندەك كونكرېت تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

يەكلەش: بۇ بىر خىل ئوزۇقلۇقنىڭ ناچار تەسىرىنىڭ يەنە بىر خىل ئوزۇقلۇقنىڭ ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىشى ياكى يوقىتىۋېتىشىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، قان ئازلىق كېسەللىكى بىمارلىرى ئانار، پىننە قاتارلىق داۋائى غىزايى تۈرىدىكى تۆمۈر تولۇقلاش تەسىرىگە ئىگە يېمەكلىكلەرنى چاي بىلەن بىرگە ئىستېمال قىلغاندا دورىنىڭ ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماستىن، يەنە قورساق ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش ياكى قەۋزىيەت پەيدا قىلىدۇ. ئاجىزلاشتۇرۇش: ئىككى خىل ئوزۇقلۇقنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتكەندە بىر خىل ئوزۇقلۇق يەنە بىر خىل ئوزۇقلۇقنىڭ ئۈنۈمىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىشى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، سەۋزىنى بەزى مېۋە ۋە كۆكتاتلار بىلەن بىرلىكتە ئىشلەتسە مۇۋاپىق ئەمەس. مەسىلەن: مېۋىلەردىن پەمىدۇر، تۇرۇپ، لازا، ئانار قاتارلىقلار بىلەن قوشۇپ ئىشلىتىلسە، سەۋزىنىڭ تەركىبىدىكى پارچىلىغۇچى ئېنزىم، يۇقىرىقى كۆكتات ۋە مېۋىلەر تەركىبىدىكى ۋىتامىنلارنىڭ يوقىلىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ. شۇڭا يالغۇز ياكى گۆش بىلەن بىرگە ئىستېمال قىلىش مۇۋاپىق دەپ قارىلىدۇ. زەھەرلەش: بۇ ئىككى خىل ئوزۇقلۇقنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتكەندە پەيدا بولۇش مۇمكىنچىلىكى بولغان ناچار تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، راك بىلەن بىرلا ۋاقىتتا كۆپ مىقداردا ۋىتامىن C ئىستېمال قىلىنسا زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يېيىشنىڭ ئۆزى ھەقىقەتەن چوڭ بىر ئىلىمدۇر. ھەرخىل مەززىلىك تائاملارنىڭ ئارىسىدا ئۆز ئارا توقۇنۇشۇپ ماسلاشماي قالىدىغانلىرىمۇ بولىدۇ. ئەگەر تەڭشەپ ئىستېمال قىلىشقا بولمايدىغان تائاملار بىرگە ئىستېمال قىلىنسا، سالامەتلىككە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بۇنداق ئەھۋاللاردىن ساقلىنىش لازىم. تۆۋەندە تەڭشەپ ئىستېمال قىلىشقا مۇۋاپىق كەلمەيدىغان يېمەك-ئىچمەكلەر تونۇشتۇرۇلىدۇ.

1) تەڭشەپ ئىستېمال قىلىشقا مۇۋاپىق كەلمەيدىغان كۆكتاتلار

تۇرۇپنى ئاپېلسىن، قامچىئوت، ئەگرى سۇناي، ۋە ئادەمگىياھ بىلەن بىرگە ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم \ تەرخەمەكنى تەركىبىدە ۋىتامىن مول بولغان كۆكتاتلار مەسىلەن: پەمىدۇر، لازا قاتارلىقلار بىلەن بىرگە ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ، چۈنكى تەرخەمەكنىڭ تەركىبىدىكى پارچىلىغۇچى ئېنزىملار پەمىدۇر تەركىبىدىكى ۋىتامىن C نى پارچىلىۋېتىدۇ \ تاتلىقياڭيۇنى بانان ۋە ھالۋىۋىدىت بىلەن بىرگە يېيىشكە بولمايدۇ، چۈنكى بۇ ئىككىسى ئاشقازاندا تەستە ئېرىيدىغان قاتتىق مونەكچە شەكىللەندۈرۈپ، ئاشقازان كۆپۈپ ئاغرىش، قۇسۇش، ئېغىر بولغانلاردا ئاشقازان قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ \ كۈدىنى پالەك بىلەن بىللە ئىستېمال قىلسا ئۈچەينى سىلىقلاشتۇرۇپ، ئاسان ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەسەل، كالا گۆشى بىلەن بىرلىكتە ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك \ كىچىك يېسسىۋېلەكنى توشقان گۆشى بىلەن بىرگە يېمەسلىك كېرەك \ پالەك كۈدە بىلەن بىرگە ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش لازىم \ لازىنى قوي جىگىرى بىلەن بىرگە ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك \ پىدىگەننى قارا بېلىق، قىسقۇچپاقا بىلەن بىرگە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، بەك پىشىپ كەتكەن پىدىگەننى ئىستېمال قىلغاندا ئاسان زەھەرلىنىپ قالىدۇ \ كاۋىنى قوي گۆشى بىلەن بىرگە ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك، چۈنكى ئاسان سېرىقلىق چۈشىدۇ ۋە بېرىبېرى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ \ كەرەپشىنى ئاچچىقسۇ بىلەن بىرگە ئىشلەتسە چىشقا زەخىم يەتكۈزىدۇ \ سەي كاۋىسىنى كالا سۈتى، ئىرىمچىك، بېلىق تۈرىدىكىلەر بىلەن بىرگە ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك \ دۇفۇنى كالا سۈتى بىلەن بىرگە ئىستېمال قىلىشقا، پالەك بىلەن بىللە قورۇپ يېيىشكە بولمايدۇ، پۇرچاق سۈتىگە تۇخۇمنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىشقا، دۇفۇنى تېتراسىكلىن بىلەن بىرگە ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ \ يۇمغاقسۈتنى قۇۋۋەت دورىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا بايناق، مودەنگۈل پوستى بىلەن بىرگە ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك \ قوغۇننى قىسقۇچپاقا، ئېتىز قۇلۇلىسى، پوشكال بىلەن بىرگە ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

2) تەڭشەپ ئىستېمال قىلىشقا مۇۋاپىق كەلمەيدىغان گۆش ۋە تۇخۇملار

كالا گۆشىنى بېلىق بىلەن بىللە قورۇشقا، كاشتان بىلەن بىللە يېيىشكە، ھەسەل بىلەن بىرگە ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ \ كالا جىگىرىنى سەدەپ بىلەن بىرگە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ \ قوي گۆشىنى كاۋا، پىشلاق بىلەن بىرگە يېيىشكە بولمايدۇ، قوي جىگىرى، قوي يۈرىكىنى لازا، ئەينولا، قىزىل پۇرچاق بىلەن بىللە يېيىشتىن ساقلىنىش كېرەك \ توخۇ گۆشىنى قېرى توخۇنىڭ بېشىنى يېيىشكە بولمايدۇ، نومى گۈرۈچ، ئالۇچا، بېلىق، راك قاتارلىقلار بىلەن بىرگە يېيىشتىن پەرھىزلىنىش كېرەك، توشقان گۆشى بىلەن بىرگە ئىستېمال قىلسا ئىچىنى سۈرىدۇ \ ئۆردەك گۆشىنى مور، ياڭاق بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىش مۇۋاپىق ئەمەس \ غاز گۆشىنى سوقا ئامۇت بىلەن بىرگە يېيىشتىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك \ ئات گۆشىنى زەنجىۋىل بىلەن بىللە ئىشلەتمەسلىك كېرەك \ توشقان گۆشىنى كىچىك يېسسىۋېلەك، توخۇ گۆشى، ئاپېلسىن پوستى قاتارلىقلار بىلەن بىللە ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. توشقاننىڭ مېڭىسىنى ھامىلىدارلار يېيىشكە بولمايدۇ \ بۆدۈنە گۆشىنى مور بىلەن بىللە يېيىشتىن ساقلىنىش كېرەك \ توخۇ تۇخۇمىنى ھالۋىۋىدىت بىلەن بىرگە ئىشلەتسە قورساقنى ئاغرىتىپ، ئىچىنى سۈرىدۇ \ ئۆردەك تۇخۇمىنى ئالۇچا ۋە ئۈجمە بىلەن بىرگە ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.

3) تەڭشەپ ئىستېمال قىلىشقا مۇۋاپىق كەلمەيدىغان سۇ مەھسۇلاتلىرى

قىسقۇچپاقىنى ھالۋابىدىتقا ئوخشاش تەركىبىدە تاننىك كىسلاتاسى بولغان يېمەكلىكلەر بىلەن بىرگە ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك \ خەيدەينى چۈچۈكبۇيا بىلەن بىرگە يېمەسلىك كېرەك.

4) تەڭشەپ ئىستېمال قىلىشقا بولمايدىغان دانلىق زىرائەتلەر

گۈرۈچنى ئات گۆشى بىلەن بىرگە ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك \ تېرىقنى ئۆرۈك بىلەن بىرگە ئىستېمال قىلسا، قەي قىلدۇرۇپ ئىچىنى سۈرىدۇ \ سېرىق پۇرچاقنى تېتراسىكلىننى ئىستېمال قىلىۋاتقاندا بىللە ئىشلەتمەسلىك كېرەك \ قارا پۇرچاقنى تېتراسىكلىن بىلەن بىرگە ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك \ قىزىل پۇرچاقنى گۈرۈچ بىلەن بىرگە قاينىتىپ ئىچسە ئاسانلا ئېغىز يارىسى بولۇپ قالىدۇ. يىلان چېقىۋالغاندا 100 كۈنگىچە قىزىل پۇرچاق ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك.

5) تەڭشەپ ئىستېمال قىلىشقا مۇۋاپىق كەلمەيدىغان مېۋىلەر

كۈمۈش ئۆرۈكنى كۆپ يېيىشكە قەتئىي بولمايدۇ، بوۋاقلار 10 تال ئەتراپىدا يېسە، 3-5 ياشقىچە بالىلار 30-40 تالغىچە يېسە ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ، بېلىق بىلەن بىرگە ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك \ چىلاننى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىشلەتسە، قورساقنى ئاغرىتىدۇ، پىياز بىلەن بىرگە ئىستېمال قىلسا باشنى ئاغرىتىدۇ \ ھالۋابىدىتنى قىسقۇچپاقا بىلەن بىرگە ئىستېمال قىلسا قورساقنى ئاغرىتىپ، ئىچىنى سۈرىدۇ، تاتلىقياڭيۇ بىلەن بىللە ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك \ ئالمىنى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بىللە ئىشلىتىش مۇۋاپىق ئەمەس \ سوقا ئامۇتنى غاز گۆشى بىللە يېيىشكە بولمايدۇ \ ئاپېلسىننى تۇرۇپ ۋە كالا سۈتى بىلەن بىرگە ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ \ دولانا، ئانار، بېھى، ئۈزۈم قاتارلىقلارنى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، بېلىق تۈرلىرى بىلەن بىرگە ئىستېمال قىلىش مۇۋاپىق ئەمەس، ئادەمگىياھ، تېتراسىكلىننى ئىستېمال قىلىۋاتقاندا ئىشلەتمەسلىك كېرەك \ باناننى تاتلىق ياڭيۇ بىلەن بىرگە ئىشلىتىشتىن پەرھىز قىلىش لازىم \ ئۆرۈكنى تېرىق بىلەن بىللە ئىشلىتىلسە قەي قىلىش ۋە ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ \ ماندارىننى سامساق قاتارلىق غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەر بىلەن بىرگە ئىشلىتىش ياخشى ئەمەس.

6) تەڭشەپ ئىستېمال قىلىشقا مۇۋاپىق كەلمەيدىغان دورا دەرمەكلەر ۋە ئىچىملىكلەر

سامساقنى قۇۋۋەت دورىلىرى، ئەگرىسۇناي، قامچىئوت، مودەنگۈل پوستى قاتارلىقلار بىلەن بىرگە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ \ ئاچچىقسۇنى چۆل يالپۇزى، چۆبىچىن، تام پاتمىچۇقى بىلەن بىرگە ئىشلەتسە ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزۈشى مۇمكىن \ ھەسەلنى پىياز، سامساق، كۈدە، كاسىنە قاتارلىقلار بىلەن بىللە ئىستېمال قىلسا ئىچنى سۈرىدۇ، ئەگرىسۇناي، قامچىئوت قاتارلىقلار بىلەن بىللە ئىشلىتىش مۇۋاپىق ئەمەس \ كالا سۈتىگە كالتسىي تالقىنى سېلىپ ياكى تۇخۇم، شاكىلات قاتارلىقلار بىلەن ئىستېمال قىلىش مۇۋاپىق ئەمەس، يەنە تېتراسىكلىننى ئىستېمال قىلىۋاتقاندا كالا سۈتى ئىچمەسلىك كېرەك \ ھاراقنى گازلىق سۇ، پىۋا، قەھۋە قاتارلىقلار بىلەن بىللە ئىچسە ئاشقازان ئۈچەي، جىگەر، بۆرەك قاتارلىق ئەزالارغا ئېغىر دەرىجىدە زىيان يەتكۈزىدۇ.

يېمەك- ئىچمەكلەرنىڭ تەڭپۇڭلۇقى

يېمەك-ئىچمەك تەڭپۇڭلۇقى ئاساسلىقى ئورگانىزم ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئاشلىق، مېۋە ۋە ھايۋانات تۈرىدىكى ئوزۇقلۇقلارنىڭ نىسبىتىنى تەڭشەپ، تەبىئەتلىرى (ئىسسىق، سوغۇق، ھۆل، سوغۇق)نى ماسلاشتۇرۇپ، تەركىبلىرى (ئاقسىل، ماي، قەنت، مېنېرال ماددا، ۋىتامىنلار)نىڭ تەڭشىلىشىگە دىققەت قىلىپ، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىشنى مەقسەت قىلىدۇ. يېمەك-ئىچمەكلەردىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ تولۇق، نىسبەتلىرىنىڭ مۇۋاپىق بولۇشى ئابىستىراكت ئۇقۇم بولغاچقا، بۇنى چۈشىنىشكە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، يېمەكلىكلەر بەش چوڭ تۈرگە بۆلۈنگەن، بولانى ھەركۈنى تۈرى بۇيىچە تاللاپ ئوزۇقلانغاندا، تاماق تەڭپۇڭلۇقىغا ئاساسىي جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. بۇ بەش تۈرلۈك يېمەكلىك: ئاشلىق ۋە بەرەڭگە تۈرىدىكى ئاساسىي يېمەكلىكلەر؛ پۇرچاق تۈرىدىكى ۋە پۇرچاقتىن ياسالغان يېمەكلىكلەر؛ سۈت ۋە سۈتتىن ياسالغان يېمەكلىكلەر؛ بېلىق، مال ۋە قۇش گۆشى، تۇخۇم قاتارلىق ھايۋانات مەنبەلىك يېمەكلىكلەر؛ كۆكتات، مېۋە ۋە ماي تۈرىدىكى يېمەكلىكلەردىن ئىبارەت (9). تاتلىق-تۇرۇم، ھاراق قاتارلىقلارنىڭ ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلۇقىغا نىسبەتەن ھېچقانداق رولى يوق، ئۇلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىشقا بولمىغاچقا تەكىتلەنمىدى.

يېمەك-ئىچمەكنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىنى تەڭپۇڭ بولۇش، كۆپ خىل بولۇش، مۇۋاپىق بولۇشتىن ئىبارەت ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ (9). يېمەك-ئىچمەكنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئادەم بەدىنىنىڭ نورمال ئۆسۈپ-يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بەدەننىڭ ساغلاملىقىنى ئاشۇرىدۇ، مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ھازىرقى زامان ئوزۇقشۇناسلىق ئىلىمى ئوزۇقلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ــ ئامىنو كىسلاتاسى ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق، ئىسسىقلىق ھاسىل قىلىدىغان ئوزۇقلۇق ماددىلار ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق، باشقا ھەرخىل ئوزۇقلۇق ماددىلار ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق، كىسلاتا-ئىشقار تەڭپۇڭلۇقىدىن ئىبارەت تۆت جەھەتتىن تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ (9)، دەپ قارايدۇ.

ئۇيغۇر تېبابىتى ئەسەرلىرىدە ئوزۇقلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا قارىتا ئىخچام ۋە جانلىق بايانلار بار. قەدىمكى ئۇيغۇر ئوزۇقشۇناسى قۇسقۇي (مىلادىيە14–ئەسىرنىڭ باشلىرى)نىڭ «شىپالىق تائاملار دەستۇرى» ناملىق كىتابىدا: «ئوزۇقلۇقنى تەڭشەشتە، زىرائەتنى تائام، مېۋىنى ھەمدەم، گۆشنى قۇۋۋەت، كۆكتاتنى تولۇقلىغۇچى قىلىش كېرەك. بەش خىل تەم (ئاچچىق، تاتلىق، قىرتاق، چۈچۈمەل، تۇزلۇق) مۇۋاپىق بىرلەشتۈرۈلۈپ ئىستېمال قىلىنسا، تەبىئىي قۇۋۋەتنى تولۇقلاپ، بەدەننى كۈچلەندۈرىدۇ. گەرچە بەش خىل تەم بىلەن تەڭشەلگەن تائام ئىشتىھانى ئاچسىمۇ، ھەرگىز كۆپ يېمەسلىك كېرەك، كۆپ يىيىش كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ، ئاز يېيىش سالامەتلىككە پايدىلىقتۇر. ھەر خىل ئېسىل تائام بولغاندىمۇ ئىشتىھانى كونترول قىلىپ، ئېھتىيات بىلەن يېيىش ئەڭ ياخشى ئادەتتۇر» (10) دەپ كۆرسەتمە بېرىلگەن.

يۇقىرىقى كۆرسەتمىلەر كۈچلۈك ئەمەلىيەتچانلىققا ئىگە بولۇپلا قالماستىن، ھازىرقى زامان ئوزۇقشۇناسلىق نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇ تولىمۇ ئىلمىي ھەم توغرىدۇر. يېمەك-ئىچمەك تەركىبى: ئاساسىي يېمەكلىك بىلەن قوشۇمچە يېمەكلىكنىڭ تەڭپۇڭلۇقى ناھايىتى مۇھىم، ئۇلارنىڭ نىسبىتىنىڭ مۇۋاپىق بولۇشى ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى (9). ئادەتتە ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىنىڭ كۆپ قىسمى قەنىتلەردىن ئېلىنىدۇ. بۇ ھەرقايسى تۈردىكى ئاساسىي يېمەكلىك ــــ گۈرۈچ تامىقى، موما، مانتا، چۆچۈرە قاتارلىقلارنىڭ تاماقتىكى ئېنېرگىيە ۋە ئاقسىل ماددىسىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بىرىدۇ. ئۆسۈملۈك تىپىدىكى يېمەكلىكلەرمۇ بىر قىسىم مىنېرال ماددا، مىكرو ئېلېمېنت، ۋىتامىن ۋە يېمەكلىك تالالىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان بولغاچقا، ھەر كۈنلۈك ئېھتىياجلىق مىقدارى 300~500 گىرام بولىدۇ. يېمەكلىك تالالىرىغا بولغان ئېھتىياجنى قامداش ئۈچۈن، مۇۋاپىق مىقداردا قارا ئاشلىقلارنىمۇ تاللاش كېرەك. مەسىلەن: ئارپا، قوناق، قارا بۇغداينىڭ تالا ماددىلىرى مول بولۇپ، قان تومۇرلارنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، يۇقىرى قان بېسىم، تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىنى داۋالاش ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.

ئادەتتە ھەر قانداق ئادەم توخۇ، غاز، بېلىق گۆشلىرى، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، قۇلۇلە تۈرلىرى، تۇخۇم تۈرلىرى، گۆش قاتارلىقلارنى كۆپ يەپ قويغاندىن كېيىن، بۇ يېمەكلىكلەرگە نىسبەتەن ئۇزۇنغىچە ئىشتىھا قالمىغاندەك ھېس قىلىدۇ. بۇنىڭ ئۆزى دەل «يېنىك دەرىجىدىكى كىسلاتادىن زەھەرلىنىش»نىڭ تەسىرىدۇر. بولانى ھەددىدىن ئارتۇق ئىستېمال قىلغاندا، قاننى ئاجىز ئىشقارلىق ھالىتىدىن ئاجىز كىسلاتالىق ھالىتىگە ئۆزگەرتىپ قويۇپ، ئادەمنى ماغدۇرسىز قىلىپ قۇيىدۇ، ئېغىرراق بولغاندا ئەستە تۇتۇش، تەپەككۇر قىلىش، ئىقتىدارى چېكىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا يۇقىرىقى ئەھۋاللاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن كۆكتات، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر، مىنېرال ماددىلار، يېمەكلىك تالالىرى مول بولغان مېۋە-چىۋە قاتارلىق ئىشقارلىق يېمەكلىكلەرنى مۇناسىپ تەڭشەپ ئىستېمال قىلىش كېرەك.

يېمەك-ئىچمەك تەبىئىتى: يېمەكلىكنىڭ ئىسسىق، سوغۇق، ھۆل، قۇرۇق تەبىئىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش كېرەك. ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ «دورا ۋە يېمەكلىك ئوخشاش مەنبەلىك»دەيدىغان ئەنئەنىۋى قارىشىغا ئاساسەن يېمەكلىكلەرمۇ ئىسسىق، سوغۇق، ھۆل، قۇرۇقدىن ئىبارەت تۆت خىل تەبىئىتتە بولىدۇ (11). مەسىلەن: يېشىل پۇرچاقنىڭ تەبىئىتى ھۆل بولۇپ، قىزىتمىنى ياندۇرۇپ ئۇسسۇلۇقنى پەسەيتىپ، زەھەر قايتۇرىدۇ. قوي گۆشى ئىسسىق بولۇپ، بەدەننى قۇۋۋەتلەپ سوغۇقلۇقنى ھەيدەيدۇ. تاۋۇز ھۆل سوغۇق بولۇپ، ھارارەتنى ياندۇرۇپ، ئۇسسۇلۇقنى پەسەيتىدۇ (12). شۇڭا ئوزۇقلۇقلارنىڭ تەبىئىتىنى بەدەن ئېھتىياجىغا مۇۋاپىق تەڭشەپ مىزاج تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش كېرەك (13). بەدەن سەل قىزىپ تۇرغان ھەم جىددىي خاراكتېرلىك ياللۇغ بار بىمارلار قوي گۆشىدەك ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىكى كېرەك. بەدىنى ئاجىز، ئاشقازىنى سوۋۇپ كەتكەن، دېمى سىقىلىدىغان بىمارلار غاز گۆشى، يېشىل پۇرچاق قاتارلىق ھۆل سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىش كېرەك (14). بىر تەرەپلىمە ھالدا يۇقىرى ئاقسىللىق، يۇقىرى ماي تەركىبلىك ئوزۇقلۇقلارنى قوغلىشىپ تەركىبكە ئەھمىيەت بېرىپ، يېمەكلىكنىڭ بىر-بىرى بىلەن بولغان تەبىئىتىنىڭ ماسلىشىشىغا سەل قارالسا، بەدەنگە ئوزۇقلۇق تولۇقلاشنىڭ ئەكسىچە كونا كېسەللىكلەر قوزغىلىدۇ.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە دائىر قەدىمكى ئەسەرلەردە تەبىئەت ۋە مىزاجغا ئېتىبارەن ئوزۇقلىنىشقا قارىتا ئىخچام ۋە جانلىق بايانلار بار:

ئۇلۇغ ئۇيغۇر پەيلاسوپى، شائىرى، ھۆكۈماسى يۈسۈپ خاس ھاجىپ (1019 ـــ 1085 يىللار)نىڭ بۇنىڭدىن مىڭ يىللار ئىلگىرى «قۇتادغۇبىلىگ» (15) كىتابىدا يازغان تۆۋەندىكى چوڭقۇر مەزمۇنلۇق تەلىماتى بۇنىڭ جانلىق گۇۋاھىدۇر.

مىزاجغا ياققاننى بىلىپ يېگۈلۈك،

مىزاجغا ياقمىسا ئۇنى قويغۇلۇق» (4621-بەيت)

سوغۇقلۇقنى ئىچ، ئاشسا ئىسسىق ئەگەر

سوغۇقلۇق ئەگەر ئاشسا ئىسسىق تۈزەر» (4622-بەيت)

يېشىڭ ياش بولۇپ پەسىل بولسا باھار،

سوغۇقنى كۆپ ئىشلەت قېنىڭنى سوۋۇتار» (4623-بەيت)

يېشىڭ قىرىقتىن ئېشىپ، كۈن ئاي بولسا كۈز،

ئىسسىق نەرسە بىلەن مىزاجىڭنى تۈز» (4624-بەيت)

يېشىڭ بولسا ئاتمىش، ۋاقتىڭ بولسا قىش،

ئىسسىقلىق قىل، تۇتما سوغۇقلۇقنى ئىش» (4625-بەيت)

قۇرۇق سوغۇق ئاشسا، ھۆل ئىسسىقنى تاپ،

بولۇر بۇ ئىككىسى ئۇنىڭغا جاۋاب» (4626-بەيت)

ئېشىپ بۇ ھۆل سوغۇق گەر سالسا زىيان،

ئاڭا ئىسسىق قۇرۇق بىلەن قارشىلان» (4627-بەيت)

يۇقىرىدىكى بىر قانچە قۇر بەيت ئۇيغۇر ھۆكۈمالىرى ئوزۇقشۇناسلىق جەھەتتە نەقەدەر چوڭقۇر بىلىم ۋە تەجرىبىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى جانلىق تۈردە ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

يېمەك-ئىچمەك سۈپىتى: يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبى ۋە تەبىئىتى مۇۋاپىق بولۇشتىن باشقا، يەنە يېمەكلىكلەرنىڭ كېلىش مەنبەسىمۇ ئىشەنچلىك بولۇشى كېرەك. ئوزۇقلۇقنىڭ سۈپىتى ياخشى، شەكلى كۆركەم، تەملىك، خۇش پۇراق بولۇشى، بەدەنگە زىيانلىق تەركىبلەردىن، دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ قالدۇقلىرىدىن، زىيادە تەم خۇرۇچلاردىن خالىي بولۇشى لازىم. ۋاقتى ئۆتكەن ۋە چىرىگەن بەتبۇي يېمەكلىكلەرنى، ئىسسىق كۈنلەردە تۆت سائەتتىن ئارتۇق تۇرۇپ قالغان تاماقلارنى يېمەسلىك كېرەك (16). چۈنكى، بۇنداق تاماقلاردا ھەرخىل مىكروبلار ئاسان كۆپىيىپ تاماقتىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بولۇپمۇ گۆش، بېلىق، سۈت، قايماق قاتارلىق ئاسان چىرىيدىغان يېمەكلىكلەرنى ۋاقتىغا دىققەت قىلىپ يېيىش لازىم. چۈنكى بۇنداق يېمەكلىكلەر ئازراق بۇزۇلغان بولسىمۇ زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تاماق يېڭى پىشۇرۇلغان، يۇمشاق ھەم سىڭىشلىك بولۇشى لازىم. كونا، قاتتىق-قۇرۇق تاماقلار، شۇنىڭدەك بەك قىزىق تاماقلار ئاشقازاننى غىدىقلاپ، ئۇنىڭ دىۋارلىرىنى زەخىملەندۈرۈشى، ھەتتا يارا، راك پەيدا قىلىشى مۇمكىن. تاماق، قاچا-قۇچا ۋە لۆڭگە، داستىخانلارنىڭ پاكىزلىقىغا دىققەت قىلىش لازىم. تاماق يېيىشنىڭ ئالدى-كەينىدە قولنى سوپۇنلاپ يۇيۇش، قوشۇق، چوكا، پىچاق ۋە باشقا سايمانلارنى پاكىزە ئىشلىتىش كېرەك. داستىخان ۋە قاچا- قومۇچنىڭ رەڭگى ئامال بار ئاق رەڭلىك بولغىنى ياخشى. چۈنكى، ھەر خىل رەڭلەرنىڭمۇ ئادەم روھىغا تەسىرى بار. قول بىلەن تاماق يېگەندە قولنىڭ، بولۇپمۇ تىرناق ئارىلىقلىرىنىڭ تازىلىقىغا دىققەت قىلىش لازىم. مۇمكىنقەدەر ھەربىر ئادەم تاماقنى بىردىن كىچىك قاچىغا بۆلۈپ يېگەن ياخشى. ئىككى، ئۈچ ئادەمنىڭ بىر قاچىدا تاماق يېيىشى ياخشى ئەمەس، ئۇنداق بولمىغاندا كېسەللىك ئۆز-ئارا يۇقىدۇ. باشقىلاردىن ئاشقان تاماقلارنى يېمەسلىك لازىم.

تاماققا ھاشاراتلار چۈشۈش ۋە توپا-چاڭ قونۇشتىن ساقلىنىش لازىم، بۇنىڭدىن خەتەرلىك كېسەللىك كېلىپ چىقىدۇ. تاماقلارغا توپا-چاڭلار ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ چۈشمەسلىكى ئۈچۈن ئۈستى يېپىق بولۇشى كېرەك. ئاشخانا ۋە تاماق يەيدىغان ئۆي ناھايىتى پاكىز ئاقارتىلغان، ھاۋالىق بولۇشى، ھەرخىل بەتبۇي گاز ۋە بۇسلار بولماسلىقى كېرەك. ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ تاماق يېيىش ياخشى. قالايمىقان ئولتۇرۇپ يېگەن تاماقلار ياخشى ھەزىم بولمايدۇ. تاماق يەيدىغان قاچىلارنىڭ يۈزى سىلىق، رەڭگى ئاق بولۇشى لازىم. مىس، تۆمۈر، ئاليۇمىن، سولياۋ قاچىلاردا تاماق يېيىلمەسلىكى كېرەك، ئەگەر مىس قاچىدا تاماق يېيىشكە توغرا كەلسە قەلەيلەنگەن بولۇشى لازىم. چۈنكى، قەلەيسىز مىس قاچىدا تاماق يېگەندە ياكى سۇ قاينىتىپ ئىچكەندە مىس تەسىرى بىلەن كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

يېمەك-ئىچمەكنىڭ تەڭشىلىشى: يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشەش ئۈچۈن يېمەك-ئىچمەكنى مۇۋاپىق تاللاپ ئىلمىي ئۇسۇلدا تەڭشەپ ئوزۇقلىنىش كېرەك. ئىلمىي ئۇسۇلدا تەڭشەپ ئوزۇقلىنىش يېمەكلىك ماتېرىيالىنىڭ شەكلى، قۇرۇلمىسى، خىمىيەلىك تەركىبى، تەبىئىتى، ئوزۇقلۇق قىممىتى، فىزىكىلىق، خىمىيەلىك خاراكتېرىگە ئاساسەن ماتېرىيال تاللاپ، تەڭشەيدىغان تاماقنىڭ سۈپىتى، رەڭگى، تەمى، شەكلى، تەڭشەيدىغان تاماقلارنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى، تۈرى مىقدارى ۋە تەبىئىتىنى نەزەرگە ئالغان ھالدا ھەر قېتىملىق تاماقتىكى يېمەكلىكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى ئۆز ئارا سېلىشتۇرۇپ، ئىستېمالچىنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ (17).

3. ئوزۇقلىنىش كۆرسەتمىسى

ئىلمىي ئوزۇقلىنىش ئۈچۈن سان ھەم سۈپەت جەھەتتىن لاياقەتلىك ئوزۇقلۇقلار بولغاندىن باشقا، ئوزۇقلىنىش ۋاقتى، ئوزۇقلىنىش مىقدارى، ئوزۇقلىنىش تەرتىپى، ئوزۇقلىنىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارمۇ مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك.

ئوزۇقلىنىش ۋاقتى: ئوزۇقلىنىش ۋاقتىنى قانۇنىيەتلىك ئوزۇقلىنىش دەپ ئېيتىشقىمۇ بولىدۇ. ئوزۇقلىنىش ئۈچۈن ۋاقىت بەلگىلەش كۈندىلىك مەشغۇلاتنىڭ خاراكتېرىگە قاراپ بولىدۇ (18). ئەتىگەن، چۈش، كەچتىكى ئۈچ ۋاقىت ھەزىم قىلغۇچى فېرمېنتلارنىڭ ئەڭ ئاكتىپ جانلانغان ۋاقتى. بىر كۈندە ئۈچ ۋاخ تاماق يەيدىغان بۇ قائىدىنىڭ ئىلمىيلىقى بار.

ئوزۇقلۇقلار قىزىلئۆڭگەچتىن ئاشقازانغا بارغۇچە تەخمىنەن 30~60 سېكۇنت ۋاقىت كېتىدۇ. يېگەن تاماق ئاشقازاندا 4 سائەت تۇرغاندىن كېيىن ئاندىن كىچىك ئۈچەيگە بارىدۇ. شۇڭا ھەر ۋاق تاماقنىڭ ئارىلىقىدىكى ۋاقىت 4ـــ6 سائەت بولۇش، تاماقنى زىيادە كۆپ يىۋەتمەسلىك، ئاچ-توق يۈرمەسلىك، ئۈچ ۋاق تاماقتا ئەتىگەنلىك تاماقنى ئوبدان يېيىش، كەچلىك تاماق كۆپ بولۇپ كەتمەسلىك كېرەك. بىر كۈندە ئۈچ ۋاخ تاماقنى قانداق يېيىش مەسىلىسىدە نۇرغۇن خاتا قاراشلار بار. ئەڭ تىپىك بولغىنى «ئەتىگەنلىك تاماق ئاز، چۈشلۈك تاماق ياخشىراق، كەچلىك تاماق توق بولۇش» تىن ئىبارەت. بۇنىڭدىكى خاتا تەرەپلەر ئاللىبۇرۇن دەلىللىنىپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن كۈندىلىك تۇرمۇشتا، نۇرغۇن كىشىلەر يەنىلا بۇخىل ئادەتتىن ھالقىپ كېتەلمەيۋاتىدۇ. يەنىلا «ئەتىگەنلىك تاماقنى ئالدىراپ يەپ، چۈشلۈك تاماق ۋاقتىنى ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋېتىپ، كەچلىك تاماقنى ئائىلە بويلاپ كاتتا يەپ »كېلىۋاتىدۇ. لېكىن ئىلمىي بولغان غىزالىنىش دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، «ئەتىگەنلىك تاماقنى ئوبدان يېيىش، چۈشلۈك تاماقنى تويغىچە يېيىش، كەچلىك تاماقنى ئاز يېيىش» كېرەك. ئۈچ ۋاخ تاماقنى فىزىيولوگىيەلىك ئەھۋال ۋە خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن بەلگىلەش كېرەك. ئەگەر بىر كۈندە يەيدىغان ئاساسىي يېمەكلىك 500 گىرام بولسا، ئەتىگەن ۋە كەچتە ئايرىم -ئايرىم 150 گىرام يېيىش كېرەك. يەنى 3:4:3 بۇيىچە يېيىش بىر قەدەر مۇۋاپىق بولىدۇ. لېكىن رېئال تۇرمۇشتا نۇرغۇن ئادەملەر 2:4:4 بۇيىچە، ھەتتا 1:4:5 بويىچە غىزالىنىدۇ (19). كەچلىك تاماق بىر قوشۇق ئاز بولسا، كېچىسى شۇنچە راھەت ئۇخلىغىلى بولىدۇ. كەچلىك تاماق كۆپ يېيىلىپ كەتسە سالامەتلىككە زىيانلىق. كېچىدە تاماق يېيىشكە توغرا كەلسە، تاماق يەپلا ئۇخلىماسلىق لازىم. بۇنداق قىلىنسا ھەزىم بۇزۇلىدۇ، كېچىسى تاماق يېگەندىن كېيىن 2~1 سائەت ئۇخلىماسلىق كېرەك.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە، غىزانى ھەمىشە مەلۇم بىر ۋاقىت ئىچىدە يەپ ئادەتلەنگەن ياخشى. بۇنداق قىلماي خالىغان ۋاقىتتا ئوزۇقلىنىپ ئادەتلىنىپ قالسا، ئاشقازاننىڭ ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىش تەلىپى ۋە ھەزىم قىلىش خىزمىتى بۇزۇلىدۇ. كىچىك بالىلار ھەر ئۈچ سائەتتە، چوڭلار 4-5 سائەتتە بىر قېتىم غىزالانسا بولىدۇ. ھەر قانداق غىزا 4 سائەتتىن تۆت يېرىم سائەتكىچە سىڭىپ بولىدۇ. ئاشقازاننى يېرىم سائەت ئەتراپىدا دەم ئالدۇرۇپ غىزالانسا ياخشى ھەزىم بولىدۇ. بەدىنى ئاجىز ياكى كېسەللىك سەۋەبىدىن ئاجىزلاپ كەتكەن كىشىلەر بەك تويۇپ ئوزۇقلانسا بولمايدۇ. شۇڭا ھەر 4-3 سائەتتە بىر قېتىم، ئاز-ئازدىن ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش لازىم. كېچە-كۈندۈزلۈك تاماقنىڭ نىسبىتى مۇۋاپىق تەڭشىلىشى كېرەك. بىر كۈندە تۆت قېتىم، تاماق يېگەندە، مىقدارى ئازراق بولغىنى ياخشى. ئەتىگەندە سۈت، قايماق، ئازراق تاتلىق يېمەكلىكلەر، يۇمشاق نان ۋە بىر دانە تۇخۇم؛ چۈشتە گۆشلۈك شورپا؛ كەچتە يەڭگىلرەك تاماق يېيىلسە بولىدۇ. ئۇزۇن كېچىلەردە كېچىسىمۇ ئازراق تاماق يېسە بولىدۇ. بۇنداق تاماقلارنى يېگەندىن كېيىن، ئازراق ھەرىكەت قىلىپ ئاندىن ئىشلەش لازىم. لېكىن، كۈنىگە ئىككى قېتىملا تاماق يەپ قورساقنى تويغۇزۇپ ئادەتلەنگەنلەر تاماقتىن كېيىن بىر سائەت ئارام ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. ھەرقانداق ۋاقىتتا قورساقنى چىڭ تويغۇزۇپلا جىددىي ھەرىكەتلەرنى قىلىش ياخشى ئەمەس.

ئوزۇقلىنىش مىقدارى: ھەر بىر ئادەمنىڭ ئوزۇقلىنىش مىقدارى شۇ ئادەمنىڭ مىزاجى، يېشى، جىنسى، بەدىنى، خىزمەت تۈرىگە ئاساسەن ھەرخىل بولىدۇ (20). ئۇيغۇرلاردا «بىر كۈننىڭ ئىشى سەھەردىن»، «ئەتىگەندە رىزىق ھەم بەرىكەت بار» دەيدىغان ھېكمەت بار. چۈشتىن بۇرۇنقى ۋاقىت بولسا ئەقلىي ۋە جىسمانىي ئەمگەكنىڭ ھالقىلىق ۋاقتى ھېسابلىنىدۇ. ئەتىگەنلىك ناشتىنى ئوبدان قىلمىغاندا، خىزمەت ۋە ئۆگىنىشنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. سەپرا خىلىتى ئاشقازان دىۋارىنى غىدىقلايدۇ. ئاشقازان يارىسى قاتارلىق ئاشقازان ئۈچەي كېسەللىكلىرى قوزغىلىشقا باشلايدۇ.

يېمەك-ئىچمەكنى بەك ئاز ئىستېمال قىلىش، ئېھتىياجغا قاراپ غىزا يېمەسلىك ياكى ئۇزۇن ۋاقىت ئاچ قېلىش بەدەننى كۈندىن-كۈنگە ئورۇقلىتىۋېتىدۇ. بەدەن تەبىئىي ئاجىزلايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئىچ سۈرۈش، قۇرۇق ئىسسىقتىن بولغان تۈرلۈك كېسەللىكلەر ھەرخىل تېرە كېسەللىكلىرى ۋە ئۆپكە كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەبچى بولىدۇ، ئادەم تەبىئىتىنىڭ كېسەللىككە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ئاسان يۇقۇملىنىشنى پەيدا قىلىدۇ. ئەزالار كۈچسىزلىنىپ، ئادەم ھارغىن كۆرۈنىدۇ. يۈرىكى ۋە نېرۋىسى ئاجىزلاپ زېھنى قۇۋۋىتى قالايمىقانلىشىدۇ (21). ئوزۇقلۇق كەمچىل بولغاندا، بەدەن يېتەرلىك ئوزۇقلۇققا ئېرىشەلمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن بەدەندە ماغدۇرسىزلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. كىشىلەر ئۇزاق مەزگىل قۇۋۋەتلىك، تۇز تەركىبى كۆپ ئوزۇقلۇقلاردىن مەھرۇم بولۇپ قالسا قان بۇزۇلۇش، مەددە قۇرت قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. شۇڭلاشقا ۋاقتىدا، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش ناھايىتى مۇھىم. ئىستېمال قىلىنغان يېمەك-ئىچمەك ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇپ كەتكەندە، جىگەر ۋە ئاشقازاننىڭ ئىقتىدارى بەرداشلىق بېرەلمەي ماي يىغىلىپ قالىدۇ-دە، «بايلىق كېسەللىكى»نى پەيدا قىلىدۇ. بەك تويغىچە يەۋەتكەندە ھەزىمنى بۇزۇپ قورساقتا يەل پەيدا قىلىپ قويىدۇ، قورساقنى تولغاپ ئاغرىتىدۇ، ئىچىنى سۈرىدۇ. ھەتتا ئۈچەي ۋە ئاشقازاننى زەخىملەندۈرۈپ قويىدۇ نۇقرەس، موپاسىل، ئاشقازان يارىسى، بوۋاسىر ۋە باشقا كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەبچى بولىدۇ.

ئۇيغۇر تېبابىتى ئەسەرلىرىدە ئوزۇقلىنىش مىقدارىغا قارىتا ئىخچام ۋە جانلىق بايانلار بار:

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىگ» (15) ناملىق كىتابىدا يازغان تۆۋەندىكى چوڭقۇر مەزمۇنلۇق تەلىماتى بۇنىڭ جانلىق دەلىلىدۇر.

«كېسەل گالدىن كىرەر، ئۇنى چىڭ كۆزەت،

يېگىن ئاشنى تەڭشەپ، ئاز – ئاز يە پەقەت» (4615-بەيت)

«تولا يېگەن ئادەم كېسەلچان بولۇر،

سېرىق يۈز، ماغدۇرسىز، ئۇزۇن خار بولۇر» (4672-بەيت)

«ئېغىزدىن كىرۇر ئاش بىلەن بۇ كېسەل،

قېرىتۇر كىشىنى يېشىدىن ئەۋەل» (4674-بەيت)

«گېلىڭنى يىغىپ سەن، دائىم ئېسەن يۈر،

قىلۇر يۈزنى سولغۇن كېسەل ھەر مەھەل» (4675-بەيت)

«تىلىسەڭ كېسەلسىز ئۆمۈر، ئەي تېكىن،

ئېتى ‹ئاندىن يە› دېگەن دورىنى يېگىن» (4642-بەيت)

يۇقىرىدىكى بىر قانچە قۇر بەيت ئۇيغۇر ھۆكۈمالىرى ئوزۇقشۇناسلىق جەھەتتە نەقەدەر چوڭقۇر بىلىم ۋە تەجرىبىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى جانلىق تۈردە ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

ئوزۇقلىنىش تەرتىپى: ئۇيغۇر تېبابەت پېشۋالىرى ئۇزۇن مۇددەت كۆزىتىش ۋە كۆپلىگەن سىناقلاردىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق بەزى ئوزۇقلۇقلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئىستېمال قىلسا، بىر بىرىگە ئارىلىشىپ ياخشى ھەزىم بولۇپ، بەدەنگە قۇۋۋەت بولىدىغانلىقىنى، يەنە بەزى ئوزۇقلۇقلارنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلسا، ئەكسىچە زىيان قىلىدىغانلىقى، ھەتتا زەھەرلەپ ھاياتقا خەۋپ يەتكۈزىدىغانلىقىنى بايقاپ، ئوزۇقلىنىشنىڭ تەرتىپلىرىنى، ئىستېمال قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى تېپىپ چىققان.

ئىبىن سىنانىڭ «ئەلقانۇن فىتتىب» (تېبابەت قانۇنى) (21) ۋە جامالىدىن ئاقسارايى ( مىلادىيە 12-13-ئەسىرلەر) نىڭ «ئاقساراي» (13) ناملىق ئەسىرىدە، «ئوزۇقلىنىشتا يېمەك-ئىچمەكنىڭ ئىسسىق سوغۇقلۇقىغا نىسبەتەن ئالدى بىلەن يېمەك-ئىچمەكنىڭ سەل سوغۇقراقىنى، ئاندىن ئىسسىقراقىنى ئىستېمال قىلىش مۇۋاپىق، بۇنداق بولغاندا چىش ۋە ئاشقازان ئاغرىقىدىن خالىي بولغىلى بولىدۇ؛ يېمەك-ئىچمەكنىڭ قاتتىق-يۇمشاقلىقىغا نىسبەتەن، ئالدى بىلەن يۇمشاق يېمەكلىكنى، ئاندىن قاتتىقراق يېمەكلىكنى ئىستېمال قىلىش مۇۋاپىق، بۇنداق بولغاندا ئاشقازان ئىقتىدارى ئاجىزلىشىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ؛ يېمەك-ئىچمەكنىڭ سۇيۇق-قويۇقلىقىغا نىسبەتەن، ئالدى بىلەن سۇيۇق يېمەكلىكنى، ئاندىن قويۇقراق يېمەكلىكنى ئىستېمال قىلىش مۇۋاپىق، بۇنداق بولغاندا ئاشقازان يۈكىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ؛ يېمەكلىكنىڭ سېڭىشلىكىگە نىسبەتەن، ئالدى بىلەن ئاسان سىڭىدىغان ئوزۇقلۇقنى ئاندىن تەستەرەك سىڭىدىغان ئوزۇقلۇقنى ئىستېمال قىلىش مۇۋاپىق، بۇنداق بولغاندا ئاشقازان يۈكىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. يېمەك-ئىچمەكنىڭ تەمىگە نىسبەتەن، ئالدى بىلەن ئاچچىق-چۈچۈك تەملىك ئوزۇقلۇقنى، ئاندىن تاتلىق تەملىك ئوزۇقلۇقنى ئىستېمال قىلىش مۇۋاپىق، ئىككى خىل تەملىك يېمەكلىكنى بىرگە ئىستېمال قىلىشتىن ئىمكان قەدەر ساقلىنىش كېرەك»، دەپ كۆرسىتىلگەن.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا، يەنە ھەرقانداق يېمەك-ئىچمەكلەردىن بورۇن مېۋە-چىۋىلەرنى باشتا ئىستېمال قىلىش، ئاندىن باشقا يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلىش مۇۋاپىق. تاماقتىن كېيىنلا مېۋە چىۋە ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. كۆكتاتلارنى سۈت-قايماقلىق ئوزۇقلۇقلاردىن بۇرۇن ئىستېمال قىلىش، ئۇخلاشتىن بۇرۇن تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ئىلاجى بار ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك. بۇنداق بولغاندا ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى ۋە يۈرەك كېسەللىكلىرى خەۋپىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ (8). ئوزۇقلانغاندا ئوزۇقلۇقنى ئالدىرىماي ئوبدان چايناپ يېيىش كېرەك. چۈنكى، تاماقنىڭ تۇنجى ھەزىمى ئېغىزدا باشلىنىدۇ. چايناش ۋە شۆلگەي بەزلىرى سۇيۇقلۇقلىرىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن تاماقنىڭ تەركىبى ئۆزگىرىپ ھەزىمگە لايىقلىشىدۇ. چالا چايناپ ئالدىراپ يۇتۇۋەتكەن تاماقلار ئاشقازاننى ئاغرىتىدۇ ۋە ئۇنىڭ خىزمىتىنى بۇزىدۇ.

بىر خىل تاماقنى بىر كۈندە 3 ~ 2 قېتىم يېمەسلىك ياكى ھەر كۈنى بىر خىللا تاماق يېمەسلىك لازىم. تاماقلارنىڭ تۈرىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇش كېرەك. ئۇنداق قىلمىغاندا ئىشتىھا تۇتۇلۇش ۋە ھەزىم بۇزۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىر قېتىمدا قاتتىق-يۇمشاق، ئىسسىق-سوغۇق، ئاسان ھەزىم بولىدىغان، تەستە ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن، سۈت بىلەن بېلىق، قوغۇن بىلەن قېتىق قاتارلىقلارنى ئارىلاشتۇرۇپ يېمەسلىك لازىم.

ئوزۇقلىنىش ئۇسۇلى: يېمەك-ئىچمەكنى كۆڭۈل ئوچۇق ھەم خۇشال كەيپىيات ئىچىدە يېيىش كېرەك. غەمكىنلىك، غەزەپلىك ۋە ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتتا يېگەن تاماق ئوبدان ھەزىم بولمايدۇ ھەم بەدەنگە قوبۇل قىلىنمايدۇ (22). تاماقنى يۇمشاق چايناپ ئاستا يۇتۇش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا شۆلگەينىڭ رولى تېخىمۇ ياخشى جارى بولىدۇ. بۇنداق قىلىشنىڭ ھەزىم قىلىشقا پايدىسى بولۇپلا قالماستىن، ھەزىم قىلىش يولى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تېخىمۇ ئۈنۈمى بار.

تاماق يېيىشتىن ئىلگىرى ياكى تاماقتىن كېيىنلا ئۇسسۇزلۇق ئىچىش ئانچە ياخشى ئەمەس. يېمەكلىك يەپ بىر-ئىككى سائەتتىن كېيىن، ئۇسسۇزلۇق ئىچىش پايدىلىق. قىزىق تاماق يەپ تۇرۇپ، بەك سوغۇق سۇ ئىچمەسلىك لازىم. ئىچىدىغان ئۇسسۇزلۇقنىڭ قىزىقلىقى تاماق قىزىقلىقىنىڭ دەرىجىسىگە تەڭ ياكى يېقىنراق بولۇشى لازىم. غىزا يەپ بولغاندىن كېيىن، بىر سائەتتىن يېرىم سائەت ئەتراپىدا سەيلە- ساياھەت قىلىنسا تاماق ياخشى ھەزىم بولىدۇ. تاماق يەپ بولۇپلا غۇسلى قىلىش (يۇيۇنۇش)، جىنسىي ئالاقە، ئېغىر ئەمگەك، كۈچلۈك ھەرىكەتلەرنى قىلىش زىيانلىق (21). تاتلىق ۋە ياغلىق نەرسىلەرنى، گۈرۈچ، گۆشلەرنى كۆپ يەيدىغان، ئەمما جىسمانىي ئەمگەك قىلمايدىغانلار سەمرىپ كېتىش نەتىجىسىدە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، بوغۇم ئاغرىقلىرى ۋە باشقا كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىيدۇ.

تاماق تاللىماسلىق، ئامال بار كۆپ تەرەپلىمىلىك ئوزۇقلىنىشقا ئادەتلىنىش كېرەك. ھەر قانداق ئاقسىللىق تاماقنى يېگۈچىلەر ئازراق مېۋە ۋە كۆكتاتلارنى يەپ تۇرۇشى لازىم. ئۇنداق بولمىغاندا قان ئازلىق كېسىلى كېلىپ چىقىدۇ. قوغۇن-تاۋۇزنى كۆپ يېگەندە، گۆش ۋە شورپىلارنىمۇ يەپ-ئىچىپ تۇرۇش كېرەك. چۈنكى، قوغۇن-تاۋۇز قاتارلىق بەزى مېۋىلەرنىڭ بەدەندىكى ياغ ماددىسىنى ئېرىتىش ۋە سۈيدۈك ئارقىلىق چىقىرىۋېتىش رولى كۈچلۈكرەك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشقا گۆش-ياغ تەلەپ قىلىنىدۇ. مېۋە-چېۋىلەرنى ئوبدان ھەزىم قىلالمايدىغانلار ئالما، ئانار، ئامۇت، لىمون، پورتىخال قاتارلىق مېۋىلەرنىڭ سۈيىنى چىقىرىپ ئىچسە بولىدۇ، توڭ، چىرىگەن مېۋىلەر ۋە خام سەيلەرنى ھەرگىز يېمەسلىك لازىم. چۈنكى، بۇ ئادەمنى زەھەرلەپ قويىدۇ. ياشانغان كىشىلەر غىزاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى ۋە تاماقنى ئاز-ئاز، پات-پات يەپ تۇرۇشى لازىم، 50~40 ياشتىن ئۆتكەنلەر تۇخۇمنى بەك كۆپ يېمەسلىكى لازىم.

يېمەك-ئىچمەك پەرھىزى

ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى قەدىمدىن بۇيان ئوزۇقشۇناسلىق ئەمەلىيىتىدە ئوزۇقلۇق پەرھىزىگە ئائىت مول تەجرىبىلەرنى توپلانغان. ⅪⅤ ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر ئوزۇقشۇناسى قۇسقۇينىڭ «شىپالىق تائاملار دەستۇرى» (10) ناملىق كىتابىدا: «خاتىرجەم ياشاش ـ كۈتۈنۈشكە باغلىق. كۈتۈنۈشنىڭ يولى پەرھىز قىلىشتۇر. پەرھىز قىلىش دېگەنلىك، ئېشىپ كەتمەسلىك ۋە كەم قالماسلىق بولۇپ، مۇشۇنىڭغا ئەمەل قىلىنسا كېسەل بولمايدۇ»، دەپ كۆرسەتكەن.

ئوزۇقلۇق پەرھىزى كۈتۈنۈش، ساقلىقنى ساقلاش، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش ئەمەلىيىتىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇ ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ كەسپىي ئالاھىدىلىكى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىممەت قارىشى سىستېمىسىدىكى بىباھا گۆھەر. ئوزۇقلۇق پەرھىزى ئومۇمىي پەرھىزلەرنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ، ئادەمنىڭ مەنپەئەتىگە بىۋاسىتە تاقىلىدۇ. ئوزۇقلۇق پەرھىزى قانداقتۇر ھەرقانداق نەرسىنى چەكلەش بولماستىن، بەلكى پەرھىز بۇيرۇلغۇچى ئەمەلىي ئەھۋالىغا يارىشا تەرتىپ بېكىتىشتىن ئىبارەت.

ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئوزۇقلۇق پەرھىزى كەڭ مەنە ھەم تار مەنىدىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇقۇمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كەڭ مەنىدىكى ئوزۇقلۇق پەرھىزى ئوزۇقلۇق بىلەن بەدەن، ماكان، پەسىل، ياش، كېسەللىك ئەھۋالى ھەمدە يېمەك ئىچمەكلەرنىڭ تەڭشىلىشى، ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى، ئىشلىتىلىش مىقدارى قاتارلىق تەرەپلەرنىڭ باغلىنىشىنى چىقىش قىلغان پەرھىزنى؛ تار مەنىدىكى ئوزۇقلۇق پەرھىزى ئوزۇقلۇق بىلەن كېسەللىك ئەھۋالىنى چىقىش قىلغان پەرھىزنى كۆرسىتىدۇ (7-13).

ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئوزۇقشۇناسلىق ئىلىمىدە ئوزۇقلۇق پەرھىزىنى ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.

خام ياكى سوغۇق ئوزۇقلۇقلار: بۇ سوغۇق ئىچىملىك، سوغۇق يېمەكلىك ياكى بىر قېتىمدا كۆپ مىقداردىكى كۆكتات ۋە مېۋە-چىۋىلەردىن پەرھىز تۇتۇشنى كۆرسىتىدۇ.

ئاچچىق تەملىك ئوزۇقلۇقلار: بۇ لازا، كاۋاۋىچىن، زەنجىۋىل، پىياز، سامساققا ئوخشاش ئوزۇقلۇقلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇلارنى ئىسسىق مىزاجلىقلار ۋە ئىسسىقتىن بولغان كېسەللىكلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشى چەكلىنىدۇ.

يېپىشقاق خۇسۇسىيەتلىك ئوزۇقلۇقلار: بۇ نومى گۈرۈچى، بۇغداي، ئارپا، سېمىز گۆش، قايماق، مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى كۆرسىتىدۇ. ھۆل سوغۇق مىزاجلىقلارنىڭ ئىستېمال قىلىشى چەكلىنىدۇ. ھۆللۈك پەسلىدە ئىستېمال قىلىش مۇۋاپىق ئەمەس.

مايلىق ئوزۇقلۇقلار: بۇ ماي، ھايۋانات يېغى، مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر، سۈت تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇلارنى ھۆل سوغۇق ۋە ھۆل ئىسسىق مىزاجلىقلارنڭ ئىستېمال قىلىشى چەكلىنىدۇ. ياز پەسلىدە ئىستېمال قىلىش مۇۋاپىق ئەمەس.

بەتبۇي ئوزۇقلۇقلار: سۇ مەھسۇلاتلىرى تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر (بېلىق، راك، قىسقۇچپاقا، قۇلۇلە تۈرىدىكىلەر) ۋە بەزى گۆش تۈرلىرىنى كۆرسىتىدۇ. تېرە كېسەللىكى، بولۇپمۇ يارا ۋە يەلتاشما كېسەللىكى بىمارلىرى ۋە ھۆل ئىسسىق مىزاجلىقلارنڭ ئىستېمال قىلىشى چەكلىنىدۇ.

يەللىك ئوزۇقلۇقلار: يەلتاشما، چىيقان، زىققا قاتارلىق كېسەللىكلەرنى ئېغىرلاشتۇرۇپ قويۇش، قوزغىتىپ قويىدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: قۇرۇتۇلغان مېۋىلەر، ھاراق، كۈدە، قىچا، ئارپا قاتارلىقلار. بۇلارنىڭ تەبىئىتى كۆپىنچە ئىسسىق ياكى قۇرۇق بولىدۇ. ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن ئاسانلا يەل پەيدا قىلىپ، يۇقىرىقىدەك بەزى كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى ھەسساسىيەت بىمارلىرى ئىستېمال قىلىشتا دىققەت قىلىشى كېرەك.

ئوخشىمىغان مىزاج تىپتىكى كېسەللىكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق پەرھىزى ئوخشاش بولمايدۇ (23). ئومۇمەن ئوزۇقلۇق ئىشلىتىشنىڭ ئالتە شەرتى ئاستىدا، بىمارلارغا ئىسسىق، سوغۇق، ھۆل، قۇرۇقتىن ئىبارەت يەككە ۋە مۇرەككەپ مىزاجلار نۇقتىسىدىن كېسەللىك مىزاجى بىلەن بىردەك تەبىئەت ۋە خۇسۇسىيەتتىكى ئوزۇقلۇقلاردىن پەرھىز بۇيرۇلىدۇ. ياش قۇرامىغا ئاساسەن ياشلار زىيادە ئاز غىزالىنىشتىن، ياشانغانلار كۆپ غىزالىنىشتىن؛ جىنىس پەرقى بويىچە ئەرلەر بەك ئاز غىزالىنىشتىن، ئاياللار بەك كۆپ غىزالىنىشتىن؛ پەسىل ئېتىبارى بويىچە پەسىل تەبىئىتى بىلەن بىردەك ئوزۇقلۇقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن پەرھىز قىلىنىدۇ. ئوزۇقلۇقلارنىڭ تەبىئىتىگە ئاساسەن قارىمۇ-قارىشى تەبىئەتتىكى يېمەكلىكلەرنى بىرلا ۋاقىتتا يېيىش چەكلىنىدۇ.

دورا ئىستېمال قىلىۋاتقان مەزگىلدىكى ئوزۇقلۇق پەرھىزىمۇ چىڭ تۇتۇلىدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب دورا بىلەن ئوزۇقلۇقنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. مەسىلەن: ھەسەلنى پىياز، سامساق، كۈدە، كاسىنە قاتارلىقلار بىلەن بىللە ئىستېمال قىلسا ئىچنى سۈرىدۇ، ئەگرىسۇناي، قامچىئوت قاتارلىقلار بىلەن بىللە ئىشلىتىش مۇۋاپىق ئەمەس (24). كەم قان كېسىلى بىمارلىرى تۆمۈر تولۇقلاۋاتقاندا چاي ئىچىشتىن ساقلىنىشى كېرەك، چۈنكى چاي دورىنىڭ ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماي، يەنە قورساق ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش ياكى قەۋزىيەت پەيدا قىلىدۇ.

ئۇيغۇر تېبابىتىدە ھامىلىدارلىق ۋە تۇغۇت مەزگىلىدىكى ئوزۇقلۇق پەرھىزلىرىگىمۇ كۆپ ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. بۇ ئانا-بالا ساقلىقىنى ساقلاشنىڭ مۇھىم كاپالىتىدۇر. بۇ ھەقتە ئۇيغۇر تېبابىتى قەدىمكى ئەسەرلىرىدە ئەمەلىيەتچانلىقى كۈچلۈك نۇرغۇنلىغان كۆرسەتمىلەر خاتىرىلەنگەن. ھازىرقى زامان ئوزۇقشۇناسلىق ئىلمىدىمۇ بۇ ھەقتە ئايرىم پەن سۈپىتىدە ئىنتايىن ئىنچىكە تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلىپ، نەتىجىلەر ساقلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلماقتا.-تامام (پايدىلانمىلار قىسقارتىلدى)

نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت تورى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button