ساغلاملىق بىلىملىرى

تېرە قىچىشىش

قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى

تېرە قىچىشىش-كلىنىكىدا پەقەت قىچىشىشلا بولۇپ، بىرلەمچى تېرە زەخمىسى بولمىغان تۇتقانلىق تېرە كېسەللىكىدىن ئىبارەت. بۇ كېسەللىك ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «ھىككە» دەپ ئاتىلىدۇ.

سەۋەبى

1. قان خىلىتىنىڭ نورمال مىقداردىن ئارتىپ كېتىشىدىن بولىدۇ.

ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بەدەندە قان خىلىتىنىڭ مىقدارى ئارتىپ كەتكەندە بەدەن توقۇلما، ھۈجەيرىلىرىگە بارىدىغان ئوزۇقلۇق مىقدارى ئېھتىياجلىق مىقداردىن ئارتىپ كېتىپ، بۇ ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇق ھەزىم قىلىپ بولالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بەدەن توقۇلما ھۈجەيرىلىرىگە ماددىلار تولۇپ قېلىپ يەرلىك ئورۇندىكى نېرۋىلارنى ئۆزلۈكسىز تۈردە غىدىقلاش سەۋەبىدىن بۇ كېسەل كېلىپ چىقىدۇ.

2. قان خىلىتىنىڭ ئوفۇنەتلىنىشىدىن بولىدۇ.

ئاشقازان، ئۈچەيگە كىرگەن پاسكىنا، زەھەرلىك ماددىلار، كېسەل پەيدا قىلغۇچى جاراسىملار مسارىقە تومۇرلار ئارقىلىق جىگەرگە، جىگەر ئارقىلىق قان تەركىبىگە ئۆتۈپ قان خىلىتىدا ئوفۇنەتلىنىش پەيدا قىلغاندا قان تەركىبىدىكى ماددىلارنىڭ غىدىقلاش خۇسۇسىيىتى يۇقىرى بولۇپ، قان ئايلىنىش ئارقىلىق تېرە توقۇلما، ھۈجەيرىلەرگە يېتىپ بېرىپ، بارغاندا تېرە توقۇلمىلىرىنى جۈملىدىن تېرە قىسمىدىكى سەزگۈر نېېرۋىلارنى ئۆزلۈكسىز غىدىقلاش سەۋەبىدىن بۇ كېسەل كېلىپ چىقىدۇ.

3. تۇخۇم سېرىقى رەڭلىك سەپرا خىلىتى تەسىرىدىن بولىدۇ.

ھەر خىل سەۋەبلەردىن سەپرا خىلىتى تەركىبىگە قويۇق بەلغەم خىلىتى ئارىلىشىپ تۇخۇم سېرىقى رەڭلىك سەپرا خىلىتى پەيدا بولغاندا، سەپرا خىلىتىنىڭ تەبىئىي خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش بىلەن بىرگە، ئۇ باشقا خىلىتلارنىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، قان ئايلىنىش ئارقىلىق تېرە توقۇلما، ھۈجەيرىلىرىگە يېتىپ بارغاندا، بۇ خىل ماددىنىڭ بەدەنگە ئۆزلىشىش سالاھىيىتى بولمىغاچقا تېرە توقۇلما، ھۈجەيرىلىرىنى، تېرىدىكى نېرۋىلارنى ئۈزلۈكسىز غىدىقلاش نەتىجىسىدە بۇ كېسەل كېلىپ چىقىدۇ.

4. روھىي ئامىل تەسىرىدىن بولىدۇ.

ھەر خىل پاسسىپ روھىي كەيپىياتلار بەدەننىڭ ئىممۇنىت كۈچىنى تۆۋەنلىتىدۇ. ئىچكى-تاشقى غىدىقلاشلارغا بولغان سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن بەدەن تېرىلىرى ئۈزلۈكسىز غىدىقلىنىۋېرىش نەتىجىسىدە بۇ كېسەل كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى

ئومۇمىي بەدەندە ياكى يەرلىك ئورۇندا تىرناق ئىزلىرى قالىدۇ. قاناش، قانلىق قاقاچلار بولىدۇ. يۈزەكى تېرە يىپسىمان سۇيۇلۇپ پىشلاقلىشىپ شەلۋەرەيدۇ. كېسەللىكنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى ئۇزارغانسېرى تېرە يىرىكلىشىپ قېلىنلايدۇ. ئومۇمىي بەدەندە ياكى يەرلىك ئورۇن تېرىسىدە قاتتىق قىچىشىش سېزىمى بولىدۇ.

تېرە قىچىشىش كېسىلى كېسەللىك يۈز بېرىش ئورنىغا قاراپ ئومۇمىي بەدەنلىك تېرە قىچىشىش كېسىلى ۋە يەرلىك ئورۇنلۇق تېرە قىچىشىش كېسىلى دەپ ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ.

1. ئومۇمىي بەدەنلىك تېرە قىچىشىش كېسىلى.

بۇ كېسەلدە تېرە قىچىشىش ھەمىشە بىر ئورۇندىن باشلىنىپ، پەيدىنپەي پۈتۈن بەدەنگە تارقىلىدۇ. كۆپىنچە ئۇخلاشتىن ئىلگىرى، روھىي كەيپىياتنىڭ نورمالسىزلىقى، ئاچچىق تەملىك، غىدىلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى يېيىش، ھاۋانىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن تۇتقاقلىق قوزغىلىدۇ.

2. يەرلىك ئورۇنلۇق تېرە قىچىشىش كېسىلى.

بۇ كېسەل مەقئەت، ئاياللار سىرتقى جىنسىي ئەزاسى، ئۇرۇقدان خالتىسى قاتارلىق مەلۇم بىر ئورۇندا بولىدۇ.

بۇ كېسەلنىڭ قوزغاتقۇچى ئامىلىدا ئومۇمىي بەدەنلىك تېرە قىچىشىش كېسىلىنى قوزغاتقۇچى ئامىللار بولۇشتىن سىرت، كۆپىنچە يەرلىك ئورۇننىڭ غىدىقلىنىشى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. مەسىلەن، كۆپ تەرلەش، ئاق خۇن كۆپىيىش، جاراسىملار بىلەن يۇقۇملىنىش، بوۋاسىر، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرى.

دىئاگنوزى

بىرلەمچى تېرە زەخىملىنىش بولمىغان ئاساستا تېرە قىچىشىش بولۇش، تاتىلىغاندىن كېيىن، تىرناق ئىزلىرى قېلىش، قاناش، قانلىق قاقاچلار شەكىللىنىش، يۈزەكى تېرە يىپسىمان سۇيۇلۇپ پىشلاقلىشىپ شەلۋەرەش، تېرە يىرىكلىشىپ قېلىنلاش، قوزغاتقۇچى ئامىللار تەسىرىدىن تۇتقاقلىق قىچىشىش پەيدا بولۇش.

سېلىشتۇرما دىئاگنوزى

1. قىچىشقاقتىن پەرقلەندۈرۈلۈپ دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

تېرە نېپىز، يۇمران ئورۇنلاردا ئۇششاق مۇدۇرلار پەيدا بولۇپ، كېچىدە قاتتىق قىچىشىش ئالاھىدىلىكى ئائىلە ياكى كوللېكتىپ ياتاقلاردا تارقىلىش تارىخىنىڭ بولۇشى، يەرلىك ئورۇن تېرىسىدىن توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرگەندە قىچىشقاق سالجى قۇرتنىڭ تۇخۇمى تېپىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈشكە بولىدۇ.

2. يەلتاشمىدىن پەرقلەندۈرۈلۈپ دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

كېسەل ناھايىتى تېزلا قوزغىلىپ چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان سۇس قىزىل ياكى ئاقۇش رەڭلىك تاشمىلار پەيدا بولۇپ قاتتىق قىچىشىدۇ. بەزىدە پەيدا بولۇپ بەزىدە يوقىلىپ تۇرىدۇ. يوقالغاندا ئىز قالدۇرمايدۇ. تېرە جىجاش سىنىقى مۇسپىي بولىدۇ.

3. نېرۋا خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغىدىن پەرقلەندۈرۈلۈپ دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

بۇ كېسەل بويۇن كەينى، بويۇن يان قىسىملىرىدا كۆپرەك پەيدا بولىدۇ. دەسلەپتە قىچىشىش بولۇپ ئاندىن گۈرۈچ چوڭلۇقىدا نۇرغۇنلىغان دۈگىلەك ياكى كۆپ بۇرجەكلىك سۇس قىزىل رەڭلىك دۆڭچە ئەسۋىلەر چىقىپ ئاستا-ئاستا كېڭىيىپ بىرىكىپ كېتىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى

1. قان خىلىتىنىڭ نورمال مىقداردىن ئارتىپ كېتىشى تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان بولسا قان ئېلىش ياكى قانلىق لوڭقا قويۇش ئارقىلىق داۋالىنىدۇ.

2. قان خىلىتىنىڭ ئوفۇنەتلىشىشى نەتىجىسىدە پەيدا بولغان بولسا قان تازىلاش چارىسى قوللىنىلىدۇ.

3. تۇخۇم سېرىقى رەڭلىك سەپرا خىلىتى تەسىرىدىن پەيدا بولغان بولسا سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىنى قوشۇپ بېرىپ بەدەندە ماددا پىشقانلىق بەلگە ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندىن كېيىن، سەپرا خىلىتىنىڭ مۇسھىلىغا بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىلىنى قوشۇپ بېرىپ ماددا تازىلىنىدۇ.

داۋالاش ئۇسۇلى

قان خىلىتىنىڭ نورمال مىقدارىدىن ئارتىپ كېتىشى تۈپەيلىدىن پەيدا بولغىنىدا مۇمكىن بولسا باسلىق تومۇرىدىن قان ئېلىنىدۇ ياكى غول، يوتا كەينى قىسىملىرىغا قانلىق لوڭقا قويۇلىدۇ. قان خىلىتىنىڭ ئوفۇنەتلىشىشى ياكى قان خىلىتىنىڭ نورمال مىقدارىدىن ئارتىپ كېتىشى تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان بولسا قان تازىلاش، قاننىڭ ھارارىتىنى تۆۋەنلىتىش مەقسىتىدە مەتبۇخى شاھتەررە كۈندە ئۈچ ۋاخ 30 مىللىلىتىر، ئىترىفىل كەشىنز كۈندە ئۈچ ۋاخ 10 گرام، دىنار شەربىتى كۈندە ئۈچ ۋاخ 30 مىللىلىتىردىن تاللاپ بېرىش بىلەن بىرگە يەرلىك ئورۇن گۈل يېغىدا مايلىنىدۇ ۋە تۆۋەندىكى كاشكاپ ئۇسسۇزلۇقىغا بېرىلىدۇ.

گۈلبىنەپشە 15 گرام، قىزىلگۈل 15 گرام، چىلان 30 گرام، كاسىنە ئۇرۇقى 15 گرام، خىيار شەنبەر 10 گرام.

تۇخۇم سېرىقى رەڭلىك سەپرا خىلىتى تەسىرىدىن پەيدا بولغان بولسا سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىنى قوشۇپ بېرىپ ماددا پىشقانلىق بەلگە ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندىن كېيىن، سەپرا خىلىتىنىڭ مۇسھىلىغا بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىلىنى قوشۇپ 5~3 كۈن بېرىلىدۇ ياكى مەتبۇخى شاھتەررە 30 مىللىلىتىردىن كۈنىگە ئۈچ ۋاخ بېرىلىدۇ. ماددا تازىلىنىپ بولغاندىن كېيىن قۇرسى شاھتەررە كۈنىگە ئۈچ قېتىم 5~3 دانە، ئەرقى كاسىنە كۈنىگە 100 مىللىلىتىردىن ئۈچ ۋاخ بېرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەگەر قىچىشىش قول ئەتراپلىرىدا پەيدا بولغان بولسا شاھتەررە كۆكى، ئوسما ۋە پاقىيوپۇرمىقىنىڭ سىقىلغان سۈيى بىلەن يۇيۇپ بەرسە بولىدۇ. ئەگەر قىچىشىش ئاياللار جىنسىي ئەزاسىدا بولسا مامرانچىن قاينىتىلمىسى ياكى رەۋەن قاينىتىلمىسى بىلەن چايقاپ بېرىلىدۇ. ئەگەر قىچىشىش مەقئەت ئەتراپىدا بولسا بۆرە ئەرمىنى، شەھمەنزەل ئۇرۇقى ئۈچ گرامدىن، قىزىل سەندەل ئالتە گرام، سانا 15 گرامدىن ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ سىركە ۋە گۈل يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ زىماد تەييارلاپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىلىدۇ. ئۇسسۇزلۇقىغا تۆۋەندىكى كاشكاپ تەييارلاپ بېرىلىدۇ.

يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى 10 گرام، سېمىز ئوت ئۇرۇقى 10 گرام، ئارپىبەدىيان 15 گرام دەملەپ تاتلىقىنى چىقىرىپ سوۋۇتۇپ بېرىلىدۇ.

دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

سىڭىش ئاسان، تېرىگە ھۆللۈك يەتكۈزۈپ تېرىنى ساغلاملاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىە ئىگە بولغان سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەر بىلەن كۆپرەك ئوزۇقلىنىپ بېرىشى كېرەك. جىنسىي ئالاقىدىن ساقلىنىش، تۇزلۇق ۋە ئىسسىقلىق يېمەكلىكلەر، لازا، ئاچچىقسۇ، سامساق قاتارلىقلاردىن پەرھىز قىلىش، كۆپرەك يۇيۇنۇپ تېرىنىڭ ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.[0]

نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت تورى

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button