ساغلاملىق بىلىملىرى

ئېغىز پۇراش

تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، تۇرمۇشتا «ئېغىز پۇرىقى» سەۋەپلىك بېشى قېتىۋاتقان كىشىلەر ئاز ئەمەس. ئەمەلىيەتتە بىمارلارنىڭ كۈندىلىك ئىستىمال ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك،

مۇندەرىجە

  • 1كېسەللىك ھەققىدە
  • 2سەۋەبى
  • 3ئالدىنى ئېلىش
  • 4داۋالاش ئۇسۇلى
  • 5يىمەكلىك ساغلاملىقى
  • 6دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

1كېسەللىك ھەققىدە

ئېغىز پۇراشتەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، تۇرمۇشتا «ئېغىز پۇرىقى» سەۋەپلىك بېشى قېتىۋاتقان كىشىلەر ئاز ئەمەس. ئەمەلىيەتتە بىمارلارنىڭ كۈندىلىك ئىستىمال ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك، ئېغىز پۇراشنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن كۆپچىلىك ئاكتىپلىق بىلەن ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

تاماقتىن پەرز تۇتۇپ ئورۇقلاش ياكى كېسەللىك سەۋەبىدىن تاماق يېيەلمىگەندە، ياكى ياشانغانلاردىكى شۆلگەي سۇيۇقلۇقى ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، ئاياللاردىكى ئاي كۆرۈش ۋاقتىدا ئىچكى ئاجراتمىلار قالايمىقانلىشىش ھەم شۆلگەي سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىش تۆۋەنلەش سەۋەبلىك، ئوكسىگېن خالىمايدىغان باكتېرىيەلەرنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق بولۇپ، شۇڭا ئېغىز پۇراش كېلىپ چىقىدۇ.

2سەۋەبى

تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، قەھۋە ئىچىش ھەتتا دائىم سامساق، پىياز ، كۈدە قاتارلىق زىيادە سېزىمچانلىقنى قوزغايدىغان يېمەكلىكلەر، دۇفۇ، قاتارلىق سېسىق پۇراق بار يېمەكلىكىنى كۆپ ئىستىمال قىلىش سەۋەبلىك ئېغىز پۇراش پەيدا بولىدۇ.

ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى: چىشنى قۇرۇت يېيىش، چىش مىلىكى ياللۇغى، چىش ئەتراپى ياللۇغى، ئېغىز بوشلۇقى يېپىشقاق پەردىسى قاتارلىق ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى بار بىمارلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدا باكتىريەلەر ئاسان پەيدا بولىدۇ، بولۇپمۇ ئوكسىگېن خالىمايدىغان باكتىريەلەر، ئاسانلا سۇلفىدلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىپ، چىرىگەن پۇراق چىقىرىدۇ، ۋە ئېغىز پۇراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئاشقازان -ئۈچەي يوللىرى كېسەللىكلىرى: ھەزىم قىلىش خاراكتېرلىك يارا، ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى، ئىقتىدار خاراكتېرلىك ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئېغىز پۇراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېقىندىن بۇيان يەنە نۇرغۇنلىغان بۇرمىسىمان باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملانغۇچىلاردا ئېغىز پۇراش نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىقى بايقالدى، ئەمما يىلتىزدىن داۋالىغاندىن كېيىن، ئېغىز پۇراش كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ، سەۋەبى بەلكىم بۇرمىسىمان باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملانغاندا بىۋاستە سۇلفىدلارنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ ئېغىز پۇراشنى پەيدا قىلىدۇ.

ئاياللاردىكى ئېغىز پۇراش: بەزى ياشلىق مەزگىلىدىكى قىزلارنىڭ تۇخۇمدان ئىقتىدارى تولۇق ئەمەس، جىنسى ھورمون ئىقتىدارى بىرقەدەر تۆۋەن بولغاندا، ئېغىز بوشلۇقى توقۇلمىلىرىنىڭ قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ، ئاسانلا يۇقۇملۇق باكتىريەلەر بىلەن يۇقۇملىنىپ، ئېغىز پۇراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

شۆلگەي سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئازايتقۇچى دورىلار، مەسىلەن بەزى تىنىچلاندۇرۇش دورىلىرى، قان بېسىم تۆۋەنلەتكۈچى دورىلار، ئاتروپىن تۈرىدىكى دورىلار، سۈيدۈك راۋانلاشتۇرۇش تۈرىدىكى دورىلار شۇنداقلا تېمپېراتۇرا تولۇقلاش خاراكتېردىكى دورىلار.

قەنت كېسىلى بىمارلىرىنىڭ قىتوندىن زەھەرلىنىشى، جىگەر ئىقتىدارى تۆۋەنلەش شۇنداقلا بەزى نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرى مەسىلەن، كانايچە ياللۇغى، كانايچە كېڭىيىش، بۇرۇن بوشلۇقى ياللۇغى، يۇتقۇنچاق ياللۇغى، بادامسىمان بەز ياللۇغى قاتارلىقلارمۇ ئېغىز پۇراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۇزاق مەزگىللىك قەۋزىيەت، بەدەن ئىچىدە ھاسىل بولغان زىيانلىق ماددىلارنىڭ ۋاقتىدا چىقىرىلماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇلار قانغا سۈمۈرۈپ، ئېغىز پۇراش، قورساق ئىسىلىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ئاسان ئاچچىقلىنىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

كەچلىك تاماقنىڭ زىيادە ئېغىر بولۇشى، زىيادە تويۇپ يېيىش ياكى گۆش، ماي تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش، مايسىز تاماقنىڭ ئاز بولۇشى، كەچلىك تاماق بىلەن ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ ئارىلىقىنىڭ قىسقا بولۇشى، ئۇخلىغان ۋاقىتتا ئاشقازاندا يەنە نۇرغۇن يېمەكلىكلەرنىڭ بولۇشى قاتارلىقلار..

روھى بېسىمنىڭ زىيادە يۇقىرى بولۇشى، دائىمىي خاراكتېرلىك جىددىيلىشىش سىمپاتىك نىرۋىلارنىڭ دائىم جىددىي ھالەتتە تۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئىنكاس خاراكتېرلىك ھەزىم قىلىش بەزلىرى پەيدا بولىدۇ، بولۇپمۇ شۆلگەي سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى ئازلاپ، ئېغىز قۇرغاقلىشىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ ئوكسىگېن خالىمايدىغان باكتېرىيەلەرنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق بولۇپ، ئېغىز پۇراشنى پەيدا قىلىدۇ.

روھىي ئامىللار، ئەسلىدە ئېغىز پۇراش يوق بولۇپ، دوختۇر ۋە باشقىلارمۇ پۇرىيالمايدۇ، ئەمما بىمار ئۆزى ئۆز ئېغىزىنىڭ پۇرىغانلىقىنى پۇرىيالىغانلىقىنى ئېيتقان، ھەمدە باشقىلارنىڭ دائىم ئۆزىدىن قېچىپ يۈرگەنلىكىنى، ئۆزى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرمىغانلىقىنى، گەپ قىلغان ۋاقىتتا ئۆزىدىن يىراق قاچىدىغانلىقىنى، بۇرنىنى تۇتۇپ، چىرايىنى پۈرۈشتۈرىدىغانلىقىنى «بايقىغان» ، بۇنىڭغا ئاساسلىنىپ ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئېغىز پۇرىقىنى پۇراپ، ئۆز يۈزىنى ئاياپ، پەقەت «بۇرنىنى تۇتۇپ، ئېغىزىنى پۈرۈشتۈرگەن» دەپ قارايدۇ، بۇلار سەپرا مىجەز بولۇپ، ئەسەبىيلىشىش كېسەللىكلىرىگە مايىل كېلىدۇ، گۇمانخورلۇق خاراكتېرلىك نېرۋا كېسىلى كۆپ كۆرۈلىدۇ.

3ئالدىنى ئېلىش

يېمەك-ئىچمەك تازىلىقى

ئېغىز پۇراشيېمەك- ئىچمەك تازىلىقىغا دىققەت قىلىش، يېمەكلىكىنى زىيادە تويۇپ يېمەسلىك، بولۇپمۇ كەچلىك تاماق مۇۋاپىق بولىشى، تال-ئاشقازاننىڭ زىيانغا ئۇچراپ، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

 يېمەك-ئىچمەكتە ئۆزىنى تىزگىنلەش 

يېمەك-ئىچمەكتە ئۆزىنى تىزگىنلەپ تۇرۇشتا، ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن سامساق، پىياز، دۇفۇ، ئېچىغان پۇراق پەيدا بولغان چىلىغان سەي قاتارلىقلارنى ئاز يېيىش ياكى يېمەسلىك كېرەك.

يېمەكلىكلەرنىڭ چىشتا تۇرۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش

چىشتا تۇرۇپ قالىدىغان ياكى چىشنى بۇزىدىغان يېمەكلىكلەرنى يېگەندە ئېھتىيات قېلىش، مەسىلەن گۆش تۈرىدىكىلەر، كۆكتات تالاسى، چاپلىشىشچان كەمپۈت قاتارلىقلار.

4داۋالاش ئۇسۇلى

ئېغىز چوتكىلىغان ۋاقىتتا ئالوي يېلىمى قوشۇش: چىش چوتكىلىغان ۋاقىتتا، چىش پاستىسى ئۈستىگە ئالوي يېلىمى قوشقاندا، ئېغىزدىكى غەيرى پۇراقنى يوقۇتۇش ئىقتىدارىنى كۈچىيىدۇ. ياللۇغلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى بولغاندىن سىرت، ئالوي يېلىمىنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدىكى باكتېرىيە، ۋىرۇس، زەمبۇرۇغلارنى ئۆلتۈرۈش رولى بار.

ئىچىملىك سودا ئارقىلىق تىلنى چايقاش: ئىچىملىك ئىشقارلىقى كۈچلۈك بولۇپ، ئېغىز بوشلۇقىدا قېلىپ قالغان قالدۇقلارنى تېزلىكتە چىقىرىپ تاشلايدۇ، كاناي ھەتتا ئاشقازاندىكى ئېغىز پۇراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان، زەھەرلىك كىسلاتالىق ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلىيالايدۇ.

ئېغىز چايقاش سۇيۇقلۇقىنى ئۆزى ياساش: يالپۇز مېيى ۋە چاي دەرىخى مېيىنىڭ باكتىريەگە قارشى تۇرۇپ، زەھەر يوقۇتۇش رولى بولۇپ، ئاساسلىق ئۇسۇلى بولسا، بىر ئىستاكان سۇغا بىر تامچە يالپۇز مېيى ياكى چاي دەرىخى مېيى قوشۇپ، ئېغىزنى تەييارلانغان سۇدا بىر مىنۇت چايقىسىلا بولىدۇ.

كۆپ سۇ ئىچىش: كۆپ سۇ ئىچىش ئارقىلىق ئېغىز بوشلۇقى نەملىكى ساقلىنىدۇ، ئېغىزنى كۆپ چايقىغاندا ئېغىز بوشلۇقىدىكى قالدۇقلارنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئېغىز پۇراشنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

بۇرۇننى تۇز سۈيىدە يۇيۇش: زۇكامدىغاندا، پەسىل ئۆزگىرىش خاراكتېرلىك زىيادە سېزىمچانلىق ياكى بۇرۇن بوشلۇقى ياللۇغى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇرۇن بوشلۇقى يېپىشقاق سۇيۇقلۇقى ۋە ئېغىز پۇراشنى پەيدا قىلىدىغان سەۋەبدۇر. ئاجىز تۇز سۈيى بىلەن بۇرۇن بوشلۇقىنى يۇيۇش ئارقىلىق ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

يېشىل مېۋە-چىۋە، كۆكتاتلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىش: يېشىل يېمەكلىكلەر تەركىبىدىكى خىلىروفىلنىڭ ئىشقارلىق خۇسۇسىيىتى بولۇپ، ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن زەھەرلىك كىسلاتالىق ماددىلار ئېغىز پۇراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كەرەپشىنى چايناش كۆپ ئىشلىتىدىغان ئۇسۇلدۇر.

5يىمەكلىك ساغلاملىقى

يىرىك تالالىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش، بولۇپمۇ بەزى بولكا تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر. چۈنكى بۇ يېمەكلىكلەر ئېغىز بوشلۇقىنى پاكىزلاش رولىنى ئوينايدۇ، سېغىزنىڭ رولىنى ئوينايدۇ.

6دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

چىشنى ئەستايىدىل چوتكىلاش، ھەمدە 牙线 ئىشلىتىش، ئېغىز كاۋاكچىللىرىدىكى قالدۇقلارنى چىقىرىشتا، چىش كولىغۇچىنىڭ ئۈنۈمى 牙线 نىڭ ئۈنۈمىگە يەتمەيدۇ، چىش ئارىلىقى زىيادە چوڭ بولۇپ، ئىچىگە چىش كولىغۇچ پاتقۇدەك بولغاندىن باشقا، چىش كولىغۇچنى كۆپ ئىشلەتكەندە چىش كاۋاكچىسىنى چوڭايتىۋېتىدۇ.

ھاراق-تاماكىنى تاشلاش، بۇ ئېغىز پۇراشتىن ساقلىنىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدۇر.

ئېغىز پۇراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشنى ئازلىتىش، بولۇپمۇ ئاممىۋى سورۇنلارغا قاتنىشىش ۋە باشقىلار بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىن ئىلگىرى، مۇۋاپىق ھالدا ئۆز نەپسىنى يىغىش كېرەك.[0]

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button