ساغلاملىق بىلىملىرى

ئەيدىز دېگەن نېمە؟

ئەيدىز بولسا ئېنگلىزچە AIDS نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئەيدىز ۋىرۇسى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىغان مەزگىلدىكى ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ.
A- Acquired يەنى «ئېرىشمە» دىگەنلىك بولۇپ، تۇغما ياكى ئېرسىيەتلىك بولمايدىغانلىقىنى، پەقەت تاشقى مۇھىتتىن يۇقتۇرۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.   I- Immune يەنى» ئىممۇنىت» دىگەنلىك بولۇپ، بۇ ۋىرۇسنىڭ ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.   D- Deficiancy يەنى»كەمچىللك» دىگەنلىك بولۇپ، ئادەم ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرايدىغانلىقىنى، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىدا كەمچىللىك كۆرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.   S- ٍSyndrome يەنى «ئۇنۋېرسال ئالامەت» دىگەنلىك بولۇپ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ھەر خىل پۇرسەتلىك كېسەللىكلەر بۆسۈپ كىرىپ، نۇرغۇنلىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى بىرلا ۋاقىتتا كۆرۈلۈشكە باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ھەممىسنى بىرلەشتۈرگەندە، «ئېرىشمە ئىممۇنىتېت كەملىك ئۇنۋېرسال ئالامىتى» بولىدۇ. بۇ بولسا ئەيدىزنىڭ كېڭەيتىلگەن تىببى ئاتالغۇسىدۇر.

 

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button