روھىي كېسەللىكلەر ئىلمى

جۇنۇن

جۇنۇن
جۇنۇن -.ئەرەپچە سۆز  بولۇپ، جىن سوققان ، جىن تەگكەن  دېگەن مەند ە ، خەلق تىلدا  ئېلىشىپ قېلىش  ئېغىر  بولغانلىرىنى <<ساراڭ>> ، <<مەجنۇن>>، <<جىن  تەگكەن مەجنۇن>> << دىۋانە >> دەپ ئاتايدۇ.
يەڭگىللەكلىرىنى  ئېلىشاڭغۇ، تەلۋە، دۆت، ئەخمەق، كالۋا، نېرۋا دەپ ئاتايدۇ.
تونۇش
ھەر خىل ئىچكى –تاشقى سەۋەبلەرنىڭ تەسىرىدىن  مېڭە  ۋە روھىي نەپسانينىڭ نورمال فىزولوگىيەلىك خىزمتىدىن  ھېسيات،ئىرادە ، بىلىش قاتارلىقلارنىڭ قايسىبىرنىڭ ئوخشىمىغان  دەرىجىدە  بۇزۇلۇپ ، كىشلەرنىڭ  روھىي پائالىيىتى  ئېغىر دەرىجىدە توسقۇنلۇققا  ئۇچراپ ، ئەخلاق –پەزىلەت ، كىشلىك  مۇناسىۋەت ئىشلىرى، ۋە ئۆزنى  ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى بولمايدىغان ، ئۆزىدە  كېسەللىك  بار دەپ قارىمايدىغان ھەم داۋالىنىش ئارزۇسىدا بولمايدىغان كېسەللىك .
جۇنۇن كېسەللكلىرىنىڭ قەدىمكى  ئەسەرلىرىمىزدىكى نامى
جۇنۇن كېسەللىكلرىنىڭ ئالامەتلىرى  بىر بىرىگە ئوخشىمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر تېبابىتى قەدىمكى كلاسسىك .ئەسەرلىرىدە  توۋەندىكىدەك ئوخشىمىغان ئاتالغان.
① ئۆزىنى ئولتۇرۋېلىشقا ئۇرۇنىدىغان ساراڭلىقنى جۇنۇن قەتلى
②باشقىلارنى ئۆلتۇرۇشكە ئۇرۇنىدىغان  ساراڭلىقنى  جۇنۇنى قاتىلى
③  خۇي پەيلى خۇددى ئىتقا ئوخشاش گاھى خۇشامەت قىلىپ قىلمىغىنى قالمىغان ،گاھى  غالجىر ئىتتەك  كىشىلەرگە  ھۇجۇم قىلىپ ئۇرۇش –چېقىش  قاتارلىق ۋەھشىيانە ھەركەتتە  بولىدىغان ئىتسىمان ساراڭلىقنى جۇنۇنى كەلبى
④بەزى ئاياللاردا ھەيز توختاپ قالغاندا  تۇغۇت  قىزتمىسى ئىچىدە  پۇت قولى تارتىشىپ قېلىش ، جۆيلۈش، ۋارقىراش ،چىشلىرى كىرىشىپ قېلىش  قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ھېستىريىگە ئوخشاش  تۇتقاقلىق تۇتىدىغان ھېستىريسىمان ساراڭلىقنى جۇنۇنى ئېھتىناقى
⑤ بىرەرسىنىڭ ئىشقى –مۇھەببىتىدە  كۆيۇپ قىلىشىدىن بولغان ، ئىشىقى مۇھەببەت ساراڭلىقىنى  جۇنۇنى ئىشقى
⑥ داۋاملىق كۇلگۇنچەك ، ھىجايغاق، ھەمىشە خام خىيال ئىچىدە يۇرىدىغان  خۇشاللىق ساراڭلىقىنى  جۇنۇنى ئىبتىھاجى
⑦ئوتقا ئامراق،  داۋاملىق ئوت قالاش، بەزىدە  ئوت قويۇش بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدىغان  ئوت ساراڭلىقىنى جۇنۇنى نارى
⑧سۇغا ئامراق، داۋاملىق سۇ ياقىلاپ ماڭىدىغان سۇ ساراڭلىقنى  جۇنۇني مائىي
⑨ئۆزى باي بولسىمۇ باشقىلارنىڭ ئۇششاق چۈششەك نەرسىلىرىنى ئوغىرلىغىلى ئامراق ئوغرىلىق ساراڭلىقنى جۇنۇنى سەرقى
⑩ھاراقخۇمارلىققا  ئېغىر  ئادەتلىنىپ ھاراق ئىچمىسە  ھېچقانداق ئىش قىلالمايدىغان ھاراق ساراڭلىقىنى جۇنۇنى خەمرى
داۋاملىق ئۇسۇل ئويناش ،ناخشا ئېيتىش بىلە شۇغۇللىندىغان ئۇسسۇل ساراڭلىقنى جۇنۇنى رەقىسى دەپ ئاتايدۇ.
سەۋەبى
جۇنۇن كېسەللكىنىڭ  سەۋەبى  تېخى ھازىرغچە ئېنىق بېكتىلگىنى يوق، شۇنداقتىمۇ ئۇستازلارنىڭ ئۇيغۇر تىبابىتى  قەدىمكى  كلاسسىك ئەسەرلىرىدە خاتىرلەنگەن ھەم ئۇزۇن يىللىق  تەجىربىلىرىمىزگە  .ئاساساسلىنىپ تۇرۇپ تۆۋەندىكىدەك سەۋەبلەردىن بولىدۇ.
1.پىسخىك خاراكتىرلىك روھىي نورمالسىزلىقلارنىڭ تەرەققى قىلىشىدىن  كېلىپ چىقىدۇ
2.مالېخۇلىيا  كېسەللىكىنى  پەيدا قىلغان سەۋەبلەرنىڭ  ياكى مالېخۇلىيا  كېسەللىكىنى توغرا تونۇپ ، توغرا دىئاگنوز  قويۇپ ، سېستىمىلىق  تەلتۆكوس  داۋالاپ ساقايتىۋەتمەسلىك  سەۋەبىدىن  ئاستا-ئاستا جۇنۇنغا تەرەققى قىلىدۇ.
3.كۆڭۇل قاتتىق ئازارغا ئۇچراشتىن كېلىپ چىقىدۇ.
4.تۇيۇقسىز  كەلگەن تەبىئىي  بالايى –ئاپەتلەرگە ئۇچراشتىن كېلىپ چىقىدۇ.
5.جەمىيەت كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەرخىل ئاپەتلەرگە ئۇچراشتىن كېلىپ چىقىدۇ.
6.ئۆز ئىدىيىسىدىكى كۆز قاراشلىرىنىڭ بىتىچىت بولۇشى ياكى چوڭ تىجارەتتە زىيانغا ئۇچراشتىن كېلىپ چىقىدۇ.
7.ئەقلي ئەمگەك بىلەن زىيادە شۇغۇللىنىشتىن كېلىپ چىقىدۇ.
8.سوزۇلما خاراكتىرلىك ياكى  ھازىرچە  داۋالاش  مۇنكىنچىلكى بولمىغان جىسمانىي  كېسەللكلەرگە گىرپتار بولۇپ قېلىشتىن كېلىپ چىقىدۇ.
9.خىلىتلارنىڭ كۆيۇشىدىن  ھاسىل بولغان غەيرى تەبئىي سەۋدا خىلتلىرىنىڭ  تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
10.زەھەرلىك  چېكىملىك  ۋە ، مەسىت قىلغۇچى  ناركوتىك بۇيۇملارنىڭ  تەسىرىدىن  كېلىپ چىقىدۇ.
11.نامراتلىقنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
12.ئىرىسيەتكە مۇناسىۋەتلىك سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.

كىلىنىك ئىپادىسى:
1.دەسلەپكى ئىپادىسى :
دەسلىپىدە نورمال ئادەمنىڭ خۇي پەيلى ۋە مىزاجىدا تاسادىپى ھالدا ئادەمگە خلاپ  غەيرى ئىشلار كۆرۇلۇشكە باشلايدۇ.
مەسىلەن:ئۇيقۇسىزلىق، كۆپ سۆزلەش،  ئاچچىقى يامان بولۇش، ئاددى ئىشلاردىن خاپا  بولۇش، ئۆزىنى باسالماسلىق، ئائىلە بالا-چاقىلىرى بىلەن ئۇرۇنسىز جىدەللىشىش  تەنقىد –تەربىيە قوبۇل قىلمايدىغان، ئەكسىچە  تېخىمۇ ئاچچىغلاپ، بارغانسېرى  چېچلغاق،  باشقىلارنى دۇشمەن  بىلىپ تەلۋىلىشىدۇ.ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كونا يڭى دوست –بۇرادەرلىرىدىن يۈز ئۆرۇپ  كونا ئامراقلىردىن  نەپرەتلىنىدۇ.  يالغۇز ياشاشنى خالاپ قالىدۇ. يېڭى ئاغىنە ۋە يېڭى  تونۇشلىرىنى كۆرسە دەرھال ھاياجانلىنىپ خۇشال بولۇپ  بار يوقىنى بېرىۋېتىدۇ.  مانا بۇلار  جۇنۇن كېسەللكىنىڭ دەسلەپكى ئىپادىسى .
2.ئىككىنچى باسقۇچىتىكى ئىپادىسى:
ھەزىم بۇزۇلۇش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، قەۋزيەت بولۇش، ئورۇقلاش،  تىلىنى ئاق ياكى كۆكۇش گەز باغلاش،ئېغىز بوشلۇقىدىن بىر نەرسە چىرىپ كەتكەندەك ، بۇزۇلغان بىر  نەرسىنىڭ پۇرۇقى پەيدا بولۇش، ماغدۇرسىزلىنىش، باش قېيىش،كۆزى تورلىشىش، ئۇيقۇسى قالايمقانلىشش، قالايمىقان چۇش كۆرۇش، باشقىلاردىن بىھۇدە گۇمان قىلىش  يۈرۈش  تۇرۇشلىرىدا بىئارام بولۇش، پۇت-قوللىرى تارتىشىپ قېلىش،  قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۇلىدۇ.
3.ئۇچىنىچى باسقۇچتىكى ئىپادىسى
بۇ باسقۇچتا ئالدىنقى باسقۇچتىكى ئالامەتلەر تېخىمۇ روشەنلىشش بىلەن بىرگە تېخىمۇ ئەسەبيلىشىپ كېتىدۇ.
كىلنىك ئپادىسى:
جۇنۇن كېسەللكىنىڭ  كىلىنىك ئىپادىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن تەپەككۈرى بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك جۇنۇن، ھېسياتى  بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك جۇنۇن ، ئنكاس بۇزۇلۇش خاراكترلىك جۇنۇن ، خۇمار بولۇپ قېلىش خاراكتىرلىك جۇنۇن قاتارلىق  تۆت تۈرگە بۆلىنىدۇ.
1.تەپەككۈرى بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك جۇنۇن:
تەپەككۇرى  چېچىلاڭغۇ بولىدۇ. بىمارنىڭ گەپ سۆزلىرى ياكى  يازغان جۈملىلىرى توغرا بولۇپ ، جۈملە بىلەن جۈملە  ، ئۇقۇم بىلەن ئۇقۇم ئوتتۇرسىدا ھېېچقانداق  باغلىنىش بولمايدۇ. ئىدىيە، مەقسىتىنى پەقەت بىلگىلى بولمايدۇ.
2.ھېسياتى سۇسلىشىدۇ، بىمارنىڭ ئاتا-ئانا  بالا –ۋاقلىرى بىلەن  خزمەتداش  ، يېقىن يۇرۇق، ئۇرۇق تۇققانلىرىغا بولغان كۆيۇنىشى ، غەمخورلۇقى ، ھېسداشلىقى  دەردىگە يېتىش ،  كۆڭۈل بۆلىشى يېتەرلىك بولمايدۇ.
3.ئىرادىسى ئاجىزلايدۇ
4.يىمەيدىغان نەرسىلەرنى يەيدۇ. مەسىلەن:سوپۇن، قۇرت-قوڭغۇز ، ئوت-چۆپ،
5.شەيئىلەرگە نىسبەتەن زىت ئوي پىكىرلەردە بولىدۇ. مەسلەن:مەلۇم ئىشنى قىلىشنى بۇيرىسا ، جاھىللىق بىلەن شۇنىڭ قارشىنى قىلىدۇ.
6.خىيالى ئاڭلاش تۈيغۈسى بولىدۇ.
7.خىيالى كۆرۇش تۇيغۇسى بولىدۇ.
8.خىيالى پۇراش، تېتىش، تېگىش تۇيغۇسى بولىدۇ.
9.گۇمانخورلۇق تۇيغۇسى بولىدۇ.
10. قالايمىقان ھەرىكەت قىلىدۇ.
2.ھسياتى بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك  جۇنۇن
ئاساسلىق ئالامەتلىرى:
1.داۋاملىق ئۆزىنى ئەيىپلەيدۇ.
2.ئۆلىۋېلىش خىيالىدا بولىدۇ
3.كۈندىن كۈنگە ئورۇقلايدۇ.
4.كەيپىياتى تۇراقسىزلىشىدۇ
5.ئۆزىنى بىلملىك ھەم ئىقتىدارلىق دەپ ھېس قىلىدۇ. بىمار دائىم كاللام بەك  ئىشلەيدۇ  دەپ قاراپ كۈن بويى ئالدىراش يۈرىدۇ.
3.ئىنكاس بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك جۇنۇن
1..ئەس ھوشىنى  يوقىتىپ دىققتىنى يىغالمايدۇ.
2.مەقسەتسىز ئالدى –كەينىگە مېڭىپ يۈرىدۇ.
3.جىمغۇرلۇق ، يالغۇزلۇق گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ. بىمارئۆزى ياخشى كۆرگەن  نەرسىلەرگىمۇ قىزىقمايدۇ .روھې زەربىگە سەۋەب بولغان شەخىس ۋە ئورۇندىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ.
4.خۇمار بولۇپ قېلىش خاراكتىرلىك جۇنۇن
بۇ خىروئىن، ھاراق، ئەپيۈن، نەشە، ئۇيقۇ دورلىرى، ناركوز  دورلىرى،  نىكوتىن  قاتارلىق  خۇمار قىلغۇچى دورىلارنى ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتكەندە بىمارنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا تەسىر يېتىپ جۇنۇننى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
دىئاگىنوزى :
1.كىلنىك ئىپادىسىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.
2.ئەگەر  بىماردا بۇ كېسەللىكنىڭ كىلنىك  ئىپادىسى بىلەن بىرگە ئەقىل ئېلىشش، كۆپ غەم قىلىش، قورقۇش، ھېچ ئىشتىن ھېچ ئىش يوق بىئاراملىق ھېس قىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۇلسە  جۇنۇنى سەۋداۋى دىيىلىدۇ.
3.ئەگەر بىماردا  بۇكېسەللكىنىڭ كىلىنىك ئىپادىسى بىلەن بىرگە  ئەقىل ئىشلىتىش، بىئارام بولۇش، ئادەمگە ياقمايدىغان قالايمىقان ئىش –پائاليەتلەر نى كۆپ  قىلىش ھەم كۈلگۈنچەك، خۇشال خۇرام ھەم ئېزىلەڭگۇ بولسا جۇنۇنى دەمىۋى  دىيىلىدۇ.
4.ئەگەر بىماردا بۇ كېسەللىكلنىڭ كىلىنىك ئىپادىسى كۆرۇلۇش بىلەن بىرگە ئاسان ئاچچقلىنىدىغان،  غەزەپلىنىدىغان، ئالامەتلەر كۆرۇلسە جۇنۇنى بەلغىمى دىيلىدۇ.
سېلىشتۇرما دىئاگىنوزى:
1.مالىخۇلىيادىن پەرىقلەندۇرۇلىدۇ.
2.مىڭە ئاجىزلىقدىن پەرىقلەندۇرۇلىدۇ.
ھېستىرىيەدىن پەرىقلەندۇرۇلدۇ.
4.تەلۋىلىكتىن پەرىقلەندۇرۇلىدۇ.
5.دىۋەڭلىكتىن پەرىقلەندۇرۇلىدۇ.
6.گۇمانخورلۇقتىن پەرىقلەندۇرلىدۇ.
7.خامۇشلۇقتىن پەرىقلەندۇرۇلىدۇ.
ئاقىۋىتى :
جۇنۇن كېسەللىكىنى ئۆ ۋاقتىدا دىئاگنوز توغرا دىئاگنوز قويماي  داۋالىنىش پۇرسىتىگە ئىرشەلمىسە ، سوزۇلما خاراكتېرلىككە ئۆتۇپ ، بىمارنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرى دوست بۇرادەرلىرى بىمارنى ئۇنتۇپ بىمار ھىچنىمىگە كارغا كەلمەيدىغان ئۇسۇملۇك ئاەمگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.
ھەمدە ھېچقانداق كۇيۇنۇش،مىھرى مۇھەببەتكە ئىرىشەلمەي ۋاقىتسىز ھاياتلىق بىلەن خوشلىشىدۇ.
داۋالاش پىرىنسپى :
1،بىمارنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ بېرىش، .ھاۋاسى ساپ،بمۇھىتى پاكىز گۇلزارلىققا  ، تىنچ  مۇھىتتا  ياخشى غەمخورلۇق ۋە يۇمشاق  مۇئامىلە بىلەن كۈتۈش لازىم.
2.بىمارنىڭ تۇرمۇشنى تەرتىپكە سېلىش بلەن بىرگە  تامىقىنى تازلىقنى ياخشىلاش، چوڭ-كىچىك تەرىتىنى راۋان قىلىش، ئاق رەڭلىك  كىيم  كىيدۇرۇش ، ئاق رەڭلىك ئۆيدە ئولتۇرغۇزۇش ، تامىقىغا ئاسان سىڭىدىغان  ،ھۆل ئىسسىق تەبىئەتلىك مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدىغان  تاماقلارنى بىرىش .
3.بىمار بىلەن سىردىشىپ ، ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى  چىگىشنى تېپىپ چىقىش، ياخىشى مەھلىھەتلەرنى كۆرسىتىش ئارقىلىق بىمارنى يالغۇز قالدۇرماي ئۇنىڭ ئوي –خيالىنى ئىچكى دۇنياسىدىن ئېلىپ سىرتقى دۇنياغا  مايىل قىلىش كېرەك .
داۋالاش ئۇسۇلى
قان خلىتنىڭ كۆيۇشىدن ھاسىل بولغان  غەيرى  تەبىئىي سەۋدا خلىتىدىن بولغان جۇنۇننى داۋالاشىتا ، ئاساسلىقى كېسەللىككە سەۋەب بولغان غەيرى  تەبىئى خلىتنى پىشىرۇش، ۋە تازىلاش ئۈچۈن  مالىخۇلىيائى دەمىۋى نى داۋالاشتا ئىشلىتىلگەن دورىلار ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرى قوللىنىدۇ.
1.ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش
ئاق سەندەل. نېلۇپەر، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، ئۇرۇقى لوئابى قاتارلىقلار نى چاي ئورنىدا دەملەپ ئىچىشكە بولىدۇ.
2.مېڭە  ۋە ئومۇمى بەدەنگە ھۆللۇك يەتكۈزۈش، ھارارەت پەسەيتىش مەقسىتدى  قاپاق مېغىزى يېغى، گۈل يېغى، بابۇنە يېغى، قاتارلىقلار بىلەن بىمارنىڭ بەدىننى ياغلاپ  ياكى بىمارنىڭ بۇرنىغا تېمىتىپ تۇرۇش لازىم.
3.مېڭە ، ئومۇمى بەدەنگە ھۆللۇك  يەتكۈزۈش ، غەيرى تەبىئىي سەۋدا خلىتنىڭ ئۆتكۈرلۈكىنى پەسەيتىش ئۈچۈن  بىمارنى قىزىلگۇل، بىدىمىشكى ، بىنەپشە ، نېلۇپەر قاتارلىقلارنى  قاينىتىپ دورىلارنىڭ سۈيى بىلەن يۇيۇندۇرۇش لازىم.
4.مىڭە ، يۈرەكنى  روھنى قۇۋۋەتلەش  مەقسىتدە  ، خېمىرى سىەندەل، خېمىرى  مەرۋايىت، خېمىرى ئەۋرىشىم بارىد قاتارلىقلارنى تاللاپ ، كۈندە ئىككى قېتىم ،تاماقتىن ئىلگىرى ھەر قېتىمدا  ئۈچ گىرامدىن ئىچىشكەبېرىلدۇ.
2.سەپرا خلىتنىڭ  كۆيۇشىدىن ھاسل بولغان غەيرى  تەبىي سەۋدا  خلىتدىن بولغان جۇنۇننى داۋالاشتا  ئاساسلىقى ، بۇ كېسەللككە سەۋەب بولغان غەيرى  تەبىئىي سەۋدا  خلىتىنى پىشۇرۇش  ۋە تازىلاش ئۈچۈن مالېخۇلىيا سەپراۋى نى داۋالاشتا ئشلىتىلگەن دورىلار ۋە داۋالاش  ئۇسۇللىرى  قوللىنىدۇ.
1.بىمارنىڭ ئۇسسۇزلىقىنى  پەسەيتش، ھارارەتنى تەڭشەش،
غەيرى خلىتلارنىڭ ئۆتكۇرلۇكىنى تۆۋەنلىتىش مەقسىتدە  چىلان بەش دانە، بىنەپشە، نىلۇپەر، يۇمغاقسۇت، كاسىنە ئۇرۇقى، ئەينۇلا، ھۆل كاسىنە سۈيى، گۇلقەنىت بادام يېغى قاتارلىق دورلارنى بىر لېتر سۇغا تۆت سائەت چىلاپ، قاينىتىپ 500 مىللىتىر  مەتبۇغ  تەييارلاپ كۈندە ئىككى قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا  100 مىللىتىرگە ئەرقى گاۋزىباندىن 70 مىللىتىر ، ئەرقى كاسىنە دىن 70 مىللىلىتىر  قوشۇپ ئىچىشكە بولىدۇ.
2.ئەگەر  بو كېسەللكتە  باش ئاغرىش، ھەم بىئاراملىق ، يېقىمسىزلىق  ئەھۋالى  بىرگە بولغان بولسا  ئۇلارنى پەسەيتىش  مەقسىتىدە  بېھى ئۇرۇقى  لوئابى، ھۆل كاسىنە سۈيى، ھۆل سىمزى ئۆت سۈيى، چىلان شىرنىسى،  ئەينۇلا سۇيى، ئەرقى كاسىنە ، ئەرقى شاھتەر رە،ئەرقى گۈل 80 مىللىلىتىر  قاتارلىقلارنى ئۆز ئارا قوشۇپ نېلۇپەر  شەربىتى .بىنەپشە شەربىتى 48 مىللىتىر دىن قوشۇپ ئىچشىكە بېرىلىدۇ.
3.مېڭىگە ھۆللۇك يەتكۈزۈش ۋە قۇۋۋەتلەش مەقسسىتدە  قاپاق ئۇرۇقى مېغىزى، تەرخەمەك ئۇرۇقى ، سېمىز ئۆت ئۇرۇقى، تاۋۇز  ئۇرۇقى قاتارلىقلارنىڭ  شىرسىنى ئېلىپ داۋائىمىشكى بارىد بىلەن ئىچىشكە بولىدۇ.
4.مېڭىگە ھۆللۇك يەتكۈزۈپ ،غەيرى  تەبىئى سەۋدا خلىتنىڭ .ئۆتكۈرلۈكىنى پەسەيتىش ۋە تەڭشەش مەقسىتىدە تاۋۇز ئۇرۇقى مېغىزى شىرىسى، ئەرقى شاھتەررە، نېلۇپەر شەربىتى، ئىسپىغول لوئابى قاتارلىقلارنى قوشۇپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ.
5.ئەگەر ھارارەت  يۇقىرى بولۇپ، ئۇنى پەسەيىتش، بەدەندىكى قۇرۇقلۇقنى يوقىتىش مەقسىتىدە سۇفۇپى سەۋدا ، سىركەنجىۋىل ئەفتىمۇن بىلەن مائۇلجگبىن ئىچكۈزۈلىدۇ.
6.مېڭە ، يۈرەك، روھنى قۇۋۋەتلەش مەقستىدە  ئەتىگەندە سۇفۇپى لاجۇۋەرىد بىر گرام، مزەھىرى مۆھىرى ئىككى گرام، تازىلانغان لاجۇۋەرىد  بىر يېرىم گرام مەرۋايىت ،بىر يېرىم گرام  تاباشىر  ئىككى گرام  دورىلارنى قائىدە بويىچە يۇمشاق سوقۇپ تالقان قىلىپ ھەممسىنى 30 گرام ئانار شەربىتى بىلەن ئىچىشكە بىرلىدۇ.
7.كۆيگەندىن پەيدا بولغان غەيرى  تەبىئىي سەۋدا خلىتىنى تازىلاشنى  تېزلىتىش  مەقسىتىدە   ئەنسىلىدا  سىزكىسى ياكى سىركەنجىۋىل ئەنسىلى ياكى جۆئدە  زىراۋەندى ، قۇشۇلغان  سىركە  ياكى سىركە  تەركىبلىك  دورىلارنى ئىچىشكە بېرىلىدۇ.
3.بەلغەم خلىتنىڭ كۆيۇشىدىن ھاسىل بولغان  ، غەيرى  تەبىئىي سەۋدا خلىتدىن بولغان جۇنۇننى داۋالاشتا  ، ئاساسلىقى كۆيۇشىدىن بۇ كېسەللىككە  سەۋەب بولغان  غەيرى  تەبىئىي  سەۋدا  خىلىتىنى پىشۇرۇش، ۋە تازىلاش ئۈچۈن مالېخۇلىيا  بەلغىمنى داۋالاشتا ئىلشتىدىغان دورىلار ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرى قوللىنىلىدۇ.
1) غەيرى خلىتلارنى  پىشۇرۇش مەقسىتدە  مۇنزچ بېرىپ ،غەيرى تەبىئىي خلىتنى چىقرىش  مەقسىتدە  بېرىلدىغان دورا بىلەن بىرگە ،سىركەنجىۋىل ئەفتىمۇن،شەربىتى ئەفتىمۇن،ئىترىفىل زامانى قاتارلىقلارنى  تاللاپ  ئۇلاردىن بىرەرسىگە  ئەفتىمۇن ئۇرۇقى ،ئەفتىمۇن ،ئەپسەنتىن رۇمى،لاجۇۋەرد قاتارلىقلارنىڭ تالقىنىقى قوشۇپ ئچىشكە بېرلىدۇ.
3.مېڭە ،يۈرەك  ،روھېي قۇۋۋۋەتلەرنى كۈچلەندۇرۇش مەقسىتدە  داۋائىمشكى  شىرىن بىلەن ئەفتىمۇن مئەپسەنتىن رۇمى،بالەنگو،رەيھانگۈلى  ،مەرۋايت،زەھىرى مۆھرى قاتارلىق دورىلارنىڭ قايسى بولسا شۇنى سوقۇپ تالقان قىلىپ داۋائىمشكىگە تەكشى ئارلاشتۇرۇپ ئىچشكە بېرىلىدۇ.
4).بۇ تۈردىكى جۇنۇن كېسەللىكلىرىدە بىمارنىڭ ئاشقازىننى تازىلاش پايدىلىق بولۇپ  ،بۇنىڭ ئۈچۈن قەي قىلدۇرۇش ئىنتايىن پايدىلىق،پىننە ،ئاش تۇزى،چاققاقئوت ئۇرۇقى،تۇرۇپ ئۇرۇقى قاتارلىقلاردىن تەييارلانغان دورىلارنى  قاينىتىپ قەي قىلدۇرۇش دورسى ياساپ  ئاشقازان  تازلىنىلىدۇ.
5).بىمارغا ئۇيقۇ كەلتۈرۈش،بىئاراملىقنى يوقىتىش مەقسىتىدە قاپاق پوستى، بىنەپشە ،نېلۇپەر ،ئاقلانغان ئارپا،گاۋزىبان ھىندى قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇ بىلەن قاينىتىپ  دورا سۇلىرى بىلەن باش ساھەسى يۇيۇلىدۇ.
4.سەۋدا خلىتنىڭ كۆيۇشىدىن ھاسىل بولغان غەيرى  تەبىي سەۋدا خلىتىدىن بولغان جۇنۇننى داۋالاشتا  ،ئاساسلىقى بۇ كېسەللىككە  سەۋەب بولغان  سەۋدا خلىتىنى تازىلاش ئۈچۈن مالېخۇلىيائى سەۋدا ئىشلىتىلىدۇ.
1) ئەگەر بىماردا كۆپ غەم قايغۇغا چۆكۇپ خىيال قىلىش، ئىچ –ئىچىدىن  قورقۇنچاقلىق بولۇش ئەھۋالى بولۇپ، بىماردا قىزىتما  بولسا تومۇرى تېز، كۈچلۈك  بولمسا  ،  بەدەن تىمپىراتۇرسى يۇقىرى بولمىسا ، يۈرەكنى كۈچلەندۇرۇش، بولمىغۇر  خىياللارنى  ئازايتىش مەقسىتىدە داۋائىمىشكى شېرىن، ئەرقى گاۋزىبان ئەرقى بادرەنجى بۇيا بىلەن ئىچىشكە بېرلىدۇ.
2)مېڭە ، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش ،روھ ۋە قۇۋۋەتلەرنى كۈچلەندۈرۈش، جۇنۇننى پەيدا قىلغان  تەبىئىي  خلىتنى تەڭشەش مەقسىتىدە قاق ئۇرۇقى،ئوسۇڭ ئۇرۇقى،تەرخەمەك ئۇرۇقى  ئون گىرامدىن ،دورىلارنىڭ شىرسىنى ئېلىپ 200  مىللىتىر سىركە  قوشۇپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ.
ياكى مائۇلجەبىننى مەجۈنى جۇنۇن،تەرياقى زەھەب قاتارلىقلار بىلەن ئىچىشكە بولىدۇ.
3)ئەگەر بىماردا بۇ كېسەللىكنىڭ كلىنىك ئىپادىسى بىلەن بىرگە جىگەردە ھارارەت  بولۇپ ، جىگەر تومۇرلىرىدا  سۇددە  پەيدا  بولغانلىقىغا دائىر ئىپادىلەر  كۆرۇلسە  ، جىگەرنىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىش،  جىگەر قان تومۇرلىرنى ئېچىش ، شۇ ئارقىلىق  غەيرىي تەبىئىي خلىتلارنىڭ  كۆيۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە  ھۆل كاسنە سۈيى، ھۆل قاپاق سۈيى، تاۋۇز سۈيى، ئارپا سۈيى  60 مىللىتىردىن،  بىنەپشە  شەربىتى 50 مىللىتىر بىلەن ئىچىشكە بولىدۇ.
4) مېڭە ۋە ئومۇمى بەدەنگە ھۆللۇك يەتكۈزۈش  مەقسىتىدە، بىنەپشە يېغى، قاپاق يېغى، بابۇنە يېغى، قوي سۈتى قاتارلىقلارنى بىمارنىڭ بۇرنىغا تېمىتىش ياكى بەدەنگە سۈركەش
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
بىمار داۋالىنىش جەرياندا  زەھەرلىك،ناركوتىك بۇيۇملاردىن  خىروئىن،  نەشە،  ئەپيۈن، تەركىبلىك دورىلاردىن  ۋە ھاراق ، تاماكا ئىستېمال  قىلماسلىق لازىم.  روھىي زەربىگە ئۇچراشتىن ،  كۆڭلىنى رەنجىتىپ قويۇشتىن ساقىلنىش لازىم.

(ئۇيغۇر تىبابىتى روھىي كېسەللىكلەر  ئىلىمىدىن ئېلىندى )


# UTBIS ئۇيغۇرتىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى

# نۇرلۇق تىببى بىلىملەر تورى

 

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button