ئاياللارساغلاملىقى

بالىياتقۇ بوينى راكى. (سەرتانى رەھمى)

بالىياتقۇ بوينى راكى ئاياللاردىكى يامان سۇپەتلىك ئوسمە ئىچىدە پەيدا بۇلۇش نىسبىتى يۇقۇرى بولغان،ئاقىۋىتى ئېغىر بولغان بارلىق يامان سۈپەتلىك ئۆسمە ئىچىدە پەيدا بولۇش نىسبىتى بىرىنچى ئورۇندا بولۇپ 35~39 ياشقىچە ۋە 60~64 ياشقىچە بولغان ئاياللارداا كۆپ كۆرۇلىدۇ.
سەۋەبى :
بۇ كىسەلنىڭ سەۋەبى تېخى ئىنىق ئەمەس ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئامىللار بىلەن بىلەن مۇناسۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.
)بالدۇر توي قىلىش،بالدۇر تۇغۇش،كۆپ تۇغۇش،جىنسى مۇناسىۋەت قالايمىقان بولۇش قاتارلىقلار.
)غەيرى تەبىئى خىلىتلارنىڭ تەسرى يەنى غەيرى تەبىئى سەۋدا خىلىتنىڭ يەرلىك ئورۇندا چۆكمىگە چۈشۈپ غىدقلاش تۈپەيلىدىن كىلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن.
)سوزۇلماخاراكتىرلىك بالياتقۇ بوينى بوينىنى ۋاختىدا داۋالىماسلىقتىن كىلىپ چىقىدۇ.
)تازىلىقنىڭ ياخشى بولماسلىق سەۋەبىدىن .
)ۋىروسنىڭ تەسرى: بالياتقۇ بوينى راكى ئادەم تىپلىق Ⅱۋېرۇسېدېن يۇقۇملىنىشتىن بولىدۇ دەپ قارىلىدۇ،ئۇندىن باشقا روھى ئامىللار، فىزىكىلىق، خىمىيلىك،بىئولوگىيلىك ئامىللار ،ئىرسىيەتلىك ئامىللار بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن دەپ قارالماقتا.
1. مىكروسكوپ ئاستىدىكى پاتولوگىيلىك ئۆزگىرىشى .
1.)ئەڭ دەسلەپتە تىپىك بولمىغان ئۆسۈش ھالىتى شەكىللىنىدۇ.بۇ ئۈستۈنكى نىگىز قەۋەت ھۈجەيرىلىرنىڭ ئۆسۈشى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.ھۈجەيرنىڭ ئۆزىدىكى ئۆزگىرىشى ھۈجەيرە يادروسىدا غەيرىلىشدۇ.غەيرلىش ھالىتنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن يەڭگىل دەرىجىدىكى ،ئوتتۇرھال دەرجىدىكى ،ئېغىر دەرىجىدىكى ئۆسۈش دەپ ئۈچ دەرىجىگە بولىنىدۇ.
⑴ يىنىك دەرىجىدىكى ئۆسۈش :غەيرى تىپدىكى ھۈجەيرىلەر ئپتىدىلىيە قەۋىتىنىڭ ئۈچ تىن بىر قىسمىنى ئىگەللەيدۇ .غەيرىلىشىشى يەڭگىل، ھۈجەيرىلەرنىڭ تىزىلىشى قالايمىقان بولىدۇ.
⑵ ئوتتۇرھال دەرجىدىكى ئۆزسۇش: غەيرى شەكىلدىكى ئىپتدىليەلەر ئىچىدە ئىپىتدىلىيە قەۋىتىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئىگەللەيدۇ. غەيلىشىشى روشەن بولىدۇ.ھۈجەيرىلەرنىڭ تىزىلىشى قالايمىقان بولىدۇ.
⑶ ئېغىر دەرىجىدىكى تىپىك بولمىغان ئۆسۈش : غەيرى شەكىلدىكى ئپتىدىلىيە ،ئپتىدىليە قەۋىتىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن ئېشىپ كەتكەن بولىدۇ. غەيرىلىشىشى پۈتۈنلەي قالايمىقان ھۈجەيرىلەرنىڭ تىزىلىشى پۇتۈنلەي قالايمىقان غەيرلىشىشى ئېغىرلاشقان بولىدۇ.
2.)ئەسلى ئورۇنلۇق راك : راك ھۈجەيرىسى بالياتقۇ بوينىدا قاسراقسىمان ئىپتىدىلىيەنى قاپلىغان، لىكىن نىگىز پەردىدىن ئۆتمىگەن بولىدۇ.
3.)دەسلەپكى دەۋردىكى مىكروسكوپ ئاستىدىكى سىڭىپ كىرىشلىك راك:راك ھۈجەرىسى ئاساسى پەرىدىدىن ئۆتىدۇ،لىكىن چوڭقۇرلىقى5 مىللىللىتىردىن ئاشمىغان بولىدۇ،لېمفا كانىلى ۋە قان تۇمۇرلارغا تاجاۋۇز قىلمىغان بولىدۇ.
4.)مىكروسكوپ ئاستىدىكى سىڭىپ كىرىشلىك راك :راك ھۈجەيرىسى ئاساسى پەرىدىدىن ئۆتكەن چوڭقۇرلىقى 5 مىللىللىتىردىن ئېشىپ كەتكە بولىدۇ .لېمفا كانىلى ۋە قان تومۇرلارغا تەسر قىلغان بولىدۇ.
5.)بەز راكى: ئاز ئۇچرايدۇ%10~5  ئىگەللەيدۇ،مىكروسكوپ ئاستىدىكى راك تەرەققى قىلسا بەز راكىنى پەيدا قىلىدۇ .
2.كۆز بىلەن بىۋاستە كۆرگەندىكى پاتولوگىيەسى.
قاسىراقسىمان ھۇجەيرە راكى :%95~90 نى ئگەللەيدۇ.
1)  شەلۋەرەش تىپى: بالياتقۇ بوينى توق قىزىل رەڭگىگە كىرگەن شەلۋەرەش ھالىتىدە بولۇپ بىر نەرسە تەگسە قانايدۇ.
2) تېشىغا ئۆسۈش تىپى :ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ،راك توقۇلمىسى بالياتقۇ بوينىدىن جىنسى يولغا قاراپ ئۆسكەن بولسا بۇ تېشىغا ئۆسۈش تىپى بولۇپ شەكلى گۈل سېيىگە ئوخشايدۇ شۇڭا گۈل سەي تىپى دەپ ئاتىلىدىغان  بولۇپ  چۈرۈك ناھايتى ئاسان قانايدۇئالامەتلىرى دەسلەپكى دەۋېردىلا ئىپادىلىنىدۇ.
3)  ئىچىگە ئۆسۈش تىپى: راك توقۇلمىسى بالياتقۇ بوينىدىن بالياتقۇنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا تەرەققى قىلىدۇ . بالياتقۇ بوينى چوڭ ۋە قاتتىق بولىدۇ.راك ھۈجەيرلىرى دەسلەپكى قەدەمدە بەدەنگە كۆچۈشكە باشلايدۇ،بالياتقۇ بوينى چوڭيىپ قېلىنشىپ قالىدۇ.بالياتقۇ بوغۇز قىسمى يوقۇلىدۇ.
4)ياراتىپى: تېشىغا ئۆسۈش تىپى بىلەن ئىچىگە ئۆسۈش تىپى تەرەققى قىلسا يارا تىپىغا  ئۆزگۈرىدۇ.
يۆتكىلىش يوللىرى :
بىۋاستە يامراش :ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ بالياتقۇ بوينى راكى شىللىق پەردىنى بويلاپ ئاستى تەرەپتىن جىنسى يول،ئۈستى تەرەپتىن بالياتقۇ بوشلۇقىغا تارقىلىدۇ. ئاساسى تارامۇچنى بويلاپ ئىككى تەرەپكە قاراپ داس بوشلۇقىغا تارايدۇ.ئالدى-ئارقىغا قاراپ تۈز ئۈچەي بىلەن دوۋساق تەرەپكە كۆچىدۇ.
لېمفا ئارقىلىق كۆچۈش :ئالدى بىلەن كىسەللىك ئوچىقى يېنىدىكى لېمفا ئارقىلىق بالياتقۇ بوينى ئەتراپى يېپىق تۆشۈك يانپاش ئىچى ۋە سىرتىغا كۆچىدۇ،يەنىمۇ ئىلگىرلەپ توققۇز كۆز ئالدى يامپاش باش –ئارقا ئارترىيەسى قورساق ئارتريەسى ۋەيېرىم لېمفا تۈگۈنلىرىگە كۆچىدۇ.ئاخىرقى دەۋرىگە كەلگەندە سول ئوخۇرەك لېمفا تۈگۈنچىلىرىگە كۆچىدۇ.
قان ئارقىلىق كۆچۈش: ئاز ئۇچرايدۇ، ئۇششاق ۋېنالارنى بۇزغاندىن كىيىن قان ئايلىنىش ئارقىلىق ئۆپكە،بۆرەك،ئۇمۇرۇتقا قاتارلىق ئەزالارغا كۆچىدۇ.
راكنىڭ دەرىجىسى (دائىرسى):
Ⅰ-دەرىجە: راكنىڭ بىرىنجى دەۋرىدە راك بالياتقۇ بوينىدىلا چەكەلەنگەن بولىدۇ.
Ⅰaدەۋرىدە:كۆز بىلەن راك كىسەللىك ئوچۇقىنى كۆرگىلى بولمايدۇ مىكىروسكوپ ئاستىدىكى دەسلەپكى دەۋرىدىكى سىڭىپ كىرىشلىك راكقا كىرىدۇ.ئاساسى پەرىدىگە تاجاۋۇز قىلىدۇ،چوڭقۇرلىقى5mmكەڭلىكى 7mm < .
Ⅰa1دەۋرى : ئاساسى پەردىگە تاجاۋۇز قىلغان چوڭقۇرلىقى3mm > كەڭلىكى 7mm > .
Ⅰa2 دەۋرى ئاساسى پەرىدىگە تاجاۋۇز قىلغان چوڭقۇرلىقىmm5~3 كەڭلىكى 7mm > .
Ⅰbدەۋرى كىلىنكىدا  راك بالياتقۇ بويىندىلا چەكلەنگەن بولىدۇ.
Ⅰb1 دەۋرى : كىلىنكىدا راك ئوچىقىنىڭ ھەجىمى3cm4  <
 Ⅰb2دەۋرى : كىلىنكىدا راك ئوچىقىنىڭ ھەجىمى 3cm4>
Ⅱدەۋرې: راك بالىياتقۇ بوينىدىن ئېشىپ كەتكەن لېكىن داس بوشلقىغا يەتمىگەن بۇلىدۇ.راك جىنسى يولغا كىرگەن لېكىن جىنسى يولنىڭ تۇۋەنكى ئۇچتىن بىر قىسمىغا يەتمىگەن.
Ⅱaدەۋرى:راك جىنسى يولغا كىرگەن لېكىن بالىياتقۇ ئەتىراپىغا كىڭەيمىگەن .
Ⅱbدەۋرى: بالىياتقۇ ئەتىراپىغا تەرەققى قىلغان،لېكىن جنسى يولغا كىڭەيمىگەن.
Ⅲدەۋرې:راك بالىياتقۇ بوينىدىن ئوتۇپ جىنسى يولنىڭ تۇۋەنكى ئۇچتىن بىر قىسمىغا،داس بوشلىقى يان دىۋارىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن بۇلىدۇ.
Ⅲa دەۋرى:راك جىنسى يولنىڭ تۇۋەنكى ئۇچتىن بىر قىسمىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن بۇلىدۇ.
Ⅲb دەۋرى:راك داس يان دىۋارىغا يەتكەن بۇلىدۇ.
Ⅳدەۋرې:راك داس بوشلىغىدىن ئوتۇپ دوۋساق شىللىق پەردىسى ۋە تۇز ئۇچەي شىللىق پەردىسىگە تاجاۋۇز قىلدۇ .
Naدەۋرى: راك دوۋساق شىللىق پەردىسى ۋە تۇز ئۇچەي شىللىق پەردىسىگە تاجاۋۇز قىلدۇ .
Nbدەۋرى: راك داس بوشلىقىدىن ئوتۇپ داس بوشلىقى سىرتىدىكى ئەزالارغا كۆچىدۇ.
كىلىنىك ئالامەتلىرى:
بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدەرۇشەن كىسەللىك ئالامەتلىرى بولمايدۇ.
دەسلەپكى دەۋىردىكى كىسەللىك ئالامەتلىرى:
قاناش:تىگىشىش خاراكتىرلىك قاناش بالياتقۇ بوينى راكىنىڭ ئەڭ تىپىك ئىپادىسى .
ئاق خۇن كۆپىيىدۇ: ناھايتى سېسىق پۇراقلىق،سۇيۇق,

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button