پىشقەدەم ئۈستازلار

غازىباي

غازىباي خوتەندە ئۆتكەن ئاتاقلىق ئۇيغۇر تېۋىپ بولۇپ، ئۇنىڭ «غازىباينىڭ ئوت-چۆپ دورىلار قامۇسى» ناملىق مەشھۇر كىتابىنى يازغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بار. دەسلەپكى ئىگە بولغان ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، مىلادىيە 1200-يىللىرى ھىندىستاندا نەشر قىلىنغان «ھەدىقەتۇل ئەقالىم» ( ھەر قايسى ئەللەر تەزكىرىسى) دېگەن قامۇس خاراكتېرلىك ئەسەردە مۇنداق مەزمۇندىكى مۇھىم مەنبەلەر قەيت قىلىنغان؛ تېرىم (تارىم) يايلىقىدىكى غازىباي قەدىمكى خوتەن رايونى دائىرىسىدىكى نۇرغۇن دورىلارنى يەكۈنلەپ 312 ماددىلىق دورا قامۇسى يازغان، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان يۇنانلىق ئالىم ئەپلاتۇن ئۆز شاگىرتلىرىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئەۋەتكەن، ئۇلار مىڭ بىر مۇشەققەتتە ئالتە ئاي تاغ-دەريالارنى كېزىپ غازىباينى تاپقان. غازىباينىڭ يۇرتىدا ھەر خىل مېۋە-چىۋىلەرنىڭ يەرگە تۆكۈلۈپ ياتقانلىقىنى، بىنەپشە، بادىيان، سانا، يۇمغاقسۈت، ئوغرى تىكەن، ئاق لەيلى، لالە ئوت، ئاچچىق تاۋۇز قاتارلىق نەچچە مىڭ خىل ئوت-چۆپ دورىلىرىنىڭ تارىم ۋادىسىنىڭ ھەممە يېرىنى قاپلىغانلىقىنى كۆرگەن، غازىباينىڭ 312 ماددىلىق دورىلار كىتابىنى كۆرۈپ ئاپىرىن ئوقۇغان ھەمدە ئەپلاتۇننىڭ ھەرخىل ئىلىملەر تەھسىل قىلىدىغان ئالىم ئىكەنلىكى، ئەگەر ئەپلاتۇن بۇ ئەسەرنى كۆرۈشكەن مۇيەسسەر بولالىسا، غازىباي ۋە تارىم خەلق ھەر جەھەتتىن زور ياردەمدە بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. غازىباي كۆپ ئويلىنىشلاردىن كېيىن ھەرقايسى ئەللەر ئارىسىدىكى دوستلۇق ۋە ئىلىم ئالماشتۇرۇشنى نەزەردە تۇتۇپ، قىممەتلىك ئەسىرىنى 40 ياشلىق ئوغلى بارىينىڭ قولىغا چىڭ تۇتقۇزۇپ، كەلگەنلەر بىلەن بىللە ئەپلاتۇننىڭ ئالدىغا ئەۋەتكەن. ئەپلاتۇن باراينىڭ ئالىي ئېھتىرام بىلەن قىزغىن قارشى ئالغان. غازىباينىڭ ئەسىرىنى زور ئىشتىياق بىلەن كېچە-كۈندۈز ئوقۇپ چىقىپ، غازىباينىڭ تېببىي ئىلىمدىكى ماھارىتىگە يۇقىرى باھا بەرگەن ھەمدە بۇنىڭغا جاۋابەن ئامراق قىزى ئەنفىيالۇسنى بارىيغا نىكاھلاپ بەرگەن. مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن بارىي بىلەن ئەنفىيالۇس قايتماقچى بولغاندا، ئەپلاتۇن غازىباينىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپىسىگە جاۋابەن ھازىرقى خوتەن رايونىغا قاراشلىق شەھەرلەرنى تېخىمۇ ھەيۋەت-گۈزەل قىلىپ قۇرۇشقا ياردەملىشىش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ھۈنەرۋەنلەرنى قوشۇپ ئەۋەتكەن. بۇ ھۈنەرۋەنلەر بارىينىڭ رەھبەرلىكىدە ئەينى ۋاقىتتىكى خوتەن دىيارى خەلقى بىلەن بىللە ھازىرقى كېرىيە، خوتەن، قاراقاش، گۇما شەھەرلىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتكەن، بىنالار سالغان. يەرلىك خەلق خاتىرە ئۈچۈن كىرىيەنى سېھراب، خوتەننى زىھراب، قاراقاشنى فاراپ، گۇمىنى داراب دەپ يۇنانچە ناملار بىلەن ئاتىغان.
ئەسەرنى ئاز دېگەندىمۇ مىلادىدىن ئىلگىرى 350 يىل بۇرۇن يېزىلغان دەپ قاراشقا بولىدۇ. چۈنكى، نۇرغۇن كىشىلەرگە ئايانكى ئەپلاتۇن مىلادىدىن بۇرۇن 427-يىلى تۇغۇلۇپ، 347-يىلى ۋاپات بولغان دۇنياغا مەشھۇر قەدىمكى يۇنانلىق ئالىم.
شۈبھىسىزكى، ئەينى ۋاقىتتا ئەپلاتۇن ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى غازىباينىڭ دورىلار قامۇسىدىن ناھايىتى زور مەنپەئەتلەرنى ئالغان. مەزكۇر «قامۇس» نىڭ قايسى يېزىقتا يېزىلغانلىقى بىزگە ھازىرچە نامەلۇم. لېكىن، يېزىقشۇناس ئالىملىرىنىڭ دەلىللىرىگە ئاساسلانغاندا، شىنجاڭدا مۇقەددەم زامانلاردىن تارتىپ تا ھازىرغىچە جەمئىي 26 خىل يېزىق قوللانغانلىقى مەلۇم. ئۇيغۇرلار مىلادىدىن 300-400 يىللار ئىلگىرى كارۇشتى بىراھمى يېزىقلىرىنى قوللانغان. خوتەن ئۇيغۇرلىرى كارۇشتى يېزىقىنى ئىشلەتكەن. «شىنجاڭنىڭ خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيەدىكى ئاقسېپىل قەدىمكى شەھەر خارابىسىدا ساقلىنىپ قالغان سېپىل تاملىرىنىڭ كېسەكلىرىدىمۇ كارۇشتى ھەرپلىرى تېپىلدى ۋە خوتەن رايونىدىن مىلادى 3-،4-ئەسىردىن بۇرۇنقى تارشا، تېرە ۋە قەغەزگە يېزىلغان ئىجابىي ۋە مەمۇرىي ۋەسىقىلەر كۆپ تېپىلدى». «ئاقسېپىل قەدىمكى شەھىرىدىن تېپىلغان يېزىقلار نىڭ مىلادىدىن ئىلگىرى 3-ئەسىرلەرگە مەنسۇپ كارۇشتى يېزىقى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ماددىي پاكىت ئەينى زامانلاردا خوتەن رايونىدا كۆپ ساننى ئىگىللىگەن ۋە ھاكىمىيەت ئۈستىدە تۇرغان تۈركىي خەلقلەرنىڭ كارۇشتى يېزىقىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغانلىقى» نى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇڭا، مەزكۇر «قامۇس» نىڭ كارۇشتى يېزىقىدا يېزىلغانلىق ئېھتىماللىقى ناھايىتى چوڭ دەپ قاراشقا بولىدۇ.
يۇقىرىقىلاردىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ مىلادىدىن ئىلگىرى 3-،4-ئەسىرلەردىلا تېببىي ئىلىم جەھەتتە زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قازانغانلىقى، يۇقىرى ئىلمىي قىممەتكە ئىگە يەكۈنلىرىنى ئورخۇن-يېنسەي يېزىقى بىلەن مەنبەداش بولغان كاروشتى يېزىقى بىلەن كىتاب قىلىپ يازغانلىقى، قەدىمكى يۇنان تېببىي ئالىملىرىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەنلىكى ۋە شۇلار ئارقىلىق ئەنگۈشتەر قاتارلىدا پۈتۈن دۇنياغا تارقاپ، ئىنسانىيەتنىڭ تېبابەت ئىلىمىگە غايەت زور تۆھپە قوشقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

0

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Back to top button