پىشقەدەم ئۈستازلار

تۇردى ھاجىمنىڭ تەرجىمھالى

تۇردى ھاجى  1863- يىلى خوتەن ناھىسىنىڭ تەۋەككۇل يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن . 1875 –يىلدىن 1885- يىلغىچە باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك مەدرىستە دىنىي تەلىم ئالغان ۋە ئەرەپ، پارىس تىللىرىنى ئۆگەنگەن . ئۇ، مۇشۇ ئارلىقتا [ 1885 –يىلى ] مەككىگە بېرىپ ھەج قىلىش سەپىرىدە، پاكىستاننىڭ كاراچى دۇختۇرخانىسىدا ئالتە ئاي تۇرۇپ، تىبابەتچىلىك ئىلمىنى ئۆگەنگەن . يۇرتىغا قايتقاندىن كېين، 1894-يىلغىچە تۇختى ئاخۇن ھاجىدىن تىبابەت ئىلمىنى ئۆگىنىپ، ئەملىي داۋالاش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇنلانغان . 1894- يىلدىن 1975- يىلغىچە لوپ ناھىلىيىلىك  ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك بىرلەشمىسى ئامبۇلاتورىيسىدە خۇسۇسىي ۋە كوللېكتىپ تىبابەتچىلىك ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان . 1975-يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك شىپاخانىسىغا يۇتكەپ كېلىنگەن . تۇردى ھاجى ئۆزىنىڭ 90  يىلدىن كۆپرەك ئۆمرىنى ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئىشلىرىغا بېغىشلىغاپ، خەلىق ئاممىسىنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە قوشتى . ئۇ ئۆزىنىڭ تىبابەتچىلىك ئەمەلىيىتى جەريانىدا ياراققان مول تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن، ئون نەچچە يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ [ ئۇيغۇر تىبابىتىدە كۆپ قوللىنىدىغان مۇرەككەپ دورا نۇسخىلىرى ] دېگەن كىتابنى يېزىپ، قالدۇرۇپ كەتتى . تۇردى ھاجى   1984   –  يىلى   124  يېشىدا ئالەمدىن  ئۆتتى  .

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button