ئۇيغۇرتىبابەت بىلىملىرى

جاراھەت پۈتتۈرگۈچى دورىلار

جاراھەت ئېغىزىنى قورۇپ، مىكروب ئۆلتۈرۈش، توقۇلمىلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، شەلۋەرەشكە قارشى تۇرۇش ھەمدە گۆش ئۈندۈرۈش تەسىرىنى بېرىدىغان دورىلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ جاراھەت پۈتتۈرگۈچى دورىلار دېيىلىدۇ.

  ھەر خىل ئىچكى-تاشقى سەۋەبلەر تەسىرى (تاشقى زەخمىلىنىشتىن توقۇلمىلار يېرىلىپ شەلۋەرەش، گۆشخور چاقا، ئاقما، ئاشقازان يارىسى، قىچىشقاق، سىفلىس…) دىن يەرلىك ئورۇن توقۇلمىلىرى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغاندا، ئورگانىزمدا تۈرلۈك كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ خىل كېسەللىكلەرنى ۋاقتىدا داۋالىمىغاندا ئاقىۋىتى تېخىمۇ ئېغىرلايدۇ.
   جاراھەت پۈتتۈرگۈچى دورىلارنىڭ تۈرى ۋە تەسىرى ئوخشاش بولمىغاچقا، كېسەللىكلەرگە ئىشلەتكەندە مۇۋاپىق تاللاپ ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ. جاراھەت پۈتتۈرگۈچى دورىلارنىڭ كۆپىنچىلىرىنىڭ تەسىرى قۇرۇق ئىسسىق ياكى قۇرۇق سوغۇق بولىدۇ. بۇ خىل دورىلار جاراھەت پۈتتۈرۈپ، گۆش ئۈندۈرۈش، توقۇلمىلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مىكروب ئۆلتۈرۈش، بۇزۇق گۆشلەرنى يېيىش، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش تەسىرىنى بېرىدۇ. بۇ خىل خۇسۇسىيەتتىكى دورىلار جاراھەت پۈتتۈرگۈچى دورىلار دېيىلىدۇ. مەسىلەن: سۇفۇپى تىيىن Ⅰ، سۇفۇپى سەرتان، سۇفۇپى گىل ئەرمىنى، سۇفۇپى ئەنجىبار، سۇفۇپى سوئال، سۇفۇپى زەمچە مۇرەككەپ، سۇفۇپى ئاكىلە، سۇفۇپى زىراۋەندە، سۇفۇپى نىشاستە، قۇرسى سىل، قۇرسى ئەنزىرۇت، قۇرسى سەرتان، قۇرسى زەمچە، مەلھىمى مۇردارسەنگ Ⅰ، مەلھىمى مۇردارسەنگ Ⅱ، مەلھىمى زۇپتى، مەلھىمى رال، مەلھىمى زاك، مەلھىمى زەرنىخ، مەلھىمى شادىنەچ، مەلھىمى كۈمۈش، مەلھىمى كاپۇر، مەلھىمى مۇقەل، سۇفۇپى كۆكتاش، مامرانچىنى ئۇپىسى (زەرۇرى مامرانچىنى) ھەمدە قۇرسى كەھرىبا Ⅰ، قۇرسى كەھرىبا Ⅱ، قۇرسى نىشاستە، قۇرسى بىخ مارجان، قۇرسى گىل ئەرمىنى، قۇرسى كەھرىبا، قۇرسى ئەنجۈر، قۇرسى شادىنەچ، قۇرسى ئەنجىباھار، قۇرسى ئاقاقىيا، قۇرسى كاكىنەچ قاتارلىقلار.

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button