ئاياللارساغلاملىقى

ئاياللىق ۋە ھامىلدارلىق ھورمۇنىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك رولى

1. ئاياللىق ھورمۇننىڭ رولى
1) تۇخۇم پۈۋەكچىلىرىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىر سۈرىدۇ.
2) بالىياتقۇنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، يەنى بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنى ئۆستۈرۈپ، مۇسكۇل قەۋىتىنى قېلىنلاشتۇرىدۇ. بالىياتقۇ سىلىق مۇسكۇلىنىڭ ئوكستوكسىنغا بولغان سەزگۈرلىكى ۋە قىسقىراش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. بالىياتقۇ بويۇن كانىلى شىلىمشىق سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشىنى كۈچەيتىپ، ماددىنى شالاڭلاشتۇرۇپ، ئۇرۇقنىڭ ئۆسۈشىگە شارائىت ھازىرلايدۇ. تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ رېتىملىق قىسقىىرىشىنى كۈچەيتىپ، ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ بالىياتقۇ بوشلۇقىغا يېتىپ بېرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
3) جىنسىي يول ئېپتىلىيە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە ھۈجەيرە ئىچىدىكى گىلىكوگىننى كۈچەيتىپ، جىنسىي يولنىڭ ئاجىز كىسلاتالىقىنى ساقلايدۇ.
4) سۈت بېزى كاناللىرىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. يەنى ئەمچەك تۈگمىسىنى چوڭايتىپ، تۈگمە دېغىنى رەڭلەيدۇ ھەم ئەمچەك توقۇلمىسىغا ياغ يىغىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، سۈت ئىشلەپچىقىرىشنى تورمۇزلايدۇ.
5) دۆڭچە مېڭە ئاستىنقى قىسمى ۋە ھىپوفىزنىڭ قايتۇرما تەسىرلىك تەڭشىشىگە قارىتا تەتۈر قايتۇرما تەسىرى بار.
6) سۇ ۋە ناترىينىڭ ساقلىنىشىنى، شۇنىڭدەك سۆڭەكنىڭ كالتىسىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
2. ھامىلدارلىق ھورمۇنىنىڭ رولى
1) بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنى ئۆسۈش دەۋرىدىن ئاجرىتىش دەۋرىگە ئۆزگەرتىدۇ.يەنى بالىياتقۇ مۇسكۇلىنىڭ قوزغىلىشچانلىقىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ ئورۇنلىشىشى ۋە بالا ھەمرىيىنىڭ يېتىلىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.
2) بالىياتقۇ بوينى ئىچكى پەردىسىنىڭ شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىشنى تورمۇزلايدۇ ھەمدە ئۇنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئۇرۇقنىڭ ئۆتۈشىنى چەكلەيدۇ.
3) تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ لۆمۈلدىمە ھەرىكىتىنى تورمۇزلايدۇ.
4) جىنسىي يولنىڭ كىسلاتالىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
5) سۈت بېزى پۈۋەكچىلىرىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
6) بەزىدە نورمال قىز- ئاياللارنىڭ تۇخۇم چىقىرىلغاندىن كېيىن، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى يىنىك دەرىجىدە ئۆرلىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاساسىي تېمپراتۇرا ℃0.5 – ℃0.3 قىچە يۇقىرىلايدۇ.
مەنبە: ئابابەكرى راخماننىڭ ئاياللار ۋە بالىلار كېسەللىكلىرىنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش ناملىق كېتابىدىن ئېلىندى.

Nurluk

ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسىمى بولغان (نۇرلۇق ئۇيغۇرتىبابەت ساغلاملىق بىلىملىرى) توربىكىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق ! نىشانىمز ئۇيغۇرتىبابىتىنىڭ پارلاق مۇۋاپىقيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇش ! توربىكتىمىزدىكى يازمىلار ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلغان ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ .

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button